تىنچ ئوكيان

تىنىچ ئوكيان بولسا دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئوكيان ،يەر شارى سۇ مىقدارىنىڭ%46 پىرسەتىنى ، يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %23 پىرسەنتىنىئىگەللەيدۇ،جەنۇبىي قۇتۇپتىن چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز ساھىلىنى كېسىپ ئۆتۈپ بېرىنگ بوغۇزى،ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسىمى ،ئوكئانىيە قىتئەسى ،ئامرېكا قىتئەسىنىڭ شەرقى قىسىمىغىچە سوزۇلىدۇ ،151گىرادۇس پاراللىل سىزىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ، جەنۇپ شىمال ئەڭ ئۇزۇن كەڭلىكى 15500000 مېتىر ،دېڭىزغا تەۋە كۆلىمى  181344000كۇۋادىرات كېلومېتىر،دېڭىزغا تەۋە بولمىغان كۆلىمى 166241000كۇۋادىرات كېلومېتىر كېلىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى تىنچ ئوكيان
دېگىز سۈيى تېمپىراتۇرىسى 0℃-30℃
ئەڭ چوڭقۇر يېرى مارىئانا دېڭىز جىلغىسى (11034 مېتىر)
خەنزۇچە نامى 太平洋
دېڭىز سۈيىنى چوڭقۇرلىقى ئوتتۇرىچە 4570 مېتىر ئەتراپىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تىنىچ ئوكيان شىمالدا بېرنىگ بوغۇزىغىچە، شىمال كەڭلىك ′45°66 ، جەنۇپتا ئانتاركتكا قىتئەسىگىچە ،جەنۇبىي كەڭلىك′33°85، كەڭلىك°151 كېسىپ ئۆتىدۇ ،شەرق تەرىپى غەربىي ئۇزۇنلۇق′08 °78 غىچە ،غەرپ تەرىپى شەرقى ئۇزۇنلۇق ′10°99 غىچە ،177 ئۇزۇنلۇقنى كېسىپ ئۆتىدۇ ،جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15900000 مېتىر ، جەنۇبىي ئامرېكا قىتئەسى كولومبىيە دېڭىز ساھىلىدىن ئاسىيا قىتئەسى مالايا يېرىم ئارىلىغىچە بولغا ، شەرق غەرب ئەڭ ئۇزۇن ئارلىقى 21300000 مېتىر ،ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇقى 11033 مېتىر بولۇپ مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا ،،شىمال تەرەپ كەڭلىكى 102000 مېتىر بولغان بېرنىگ بوغۇزى بىلەن باشلىنىپ ، شەرقى جەنۇپ قىسىمى جەنۇبىي ئامرېكا قىتئەسىدىكى ئوت ئارىلى ۋە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ . غەربىي جەنۇبى ھىندى ئوكيان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ،  تىنىچ ئوكياننىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ ،تارقىلىشى تەكشى ،ھاۋا كېلىماتى سەييارىۋى شامال سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق ،بولۇپمۇ جەنۇبى تىنىچ ئوكيان ،شىمالى تىنىچ ئوكياننىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ شەرق غەرپ ئىككى قىرغاقنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ ،بولۇپمۇ روسىيەنىڭ شەرقى دېڭىز قىرغىقى بىلەن كانادانىڭ برىتانى كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ قىش پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرمىسى ئىنتايىن روشەن .

جەنۇبىي  شىمالىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن000 15900 مېتىر ، شەرق غەرپ ئەڭ چوڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 19900000 مېتىر ،  كۆلىمى  166241000كۇۋادىرات كېلومېتىر ،دۇنيادىكى دېڭىز ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %49.8 نى ئىگەللەيدۇ ،يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %35 نى ئىگەللەيدۇ ،تىنىچ ئوكيان بولسا دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئوكياننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ چوڭقۇر ،ئارال ۋە مارجان خادا تاشلىرى ئەڭ كۆپ ئوكيان .

چوڭقۇرلۇقى ؛ ئوتتۇرىچە  چوڭقۇرلىقى ئۈچۈن 4187.8 مېتىر ، ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلىقى مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا  چوڭقۇرلۇقى 11033 مېتىر ، نۆۋەتتە بايقالغان   دۇنيادىكى  دېڭىزلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر نۇقتىسى .

  تىنىچ ئوكياننىڭ يەر كۆلىمى  كەڭ ،سۇ يۈزى تەكشى بولغانلىقتىن، كىلىماتى سەييارىۋى شامالنىڭ شەكىللىنىشىگە  پايدىلىق  ، بولۇپمۇ جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندا تېخىمۇ  گەۋدىلىك. شىمالىي تىنىچ ئوكياننىڭ  ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ ، شەرق غەرپ ئىككى قىرغاقىنىڭ پەرقى چوڭ ،  روسىيە شەرقى دېڭىز قىرغىقىدىكى قاتتىق سوغۇقى  بىلەن  كانادا برىتانى كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ  ئىللىق قىش پەسلىنى سېلىشتۇرغاندا پەرق ئىنتايىن روشەن ، غەربىي تىنچ ئوكياندا ياز ۋە كۈز ئارلىقىدايۇقىرى تېمپىراتۇرا ۋە يۇقىرى نەملىك ئاستىدائىنتايىن تۆۋەن بېسىم مەركىزى  شەكىللىىنىدۇ ،دەھشەتلىك ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنى پەيدا قىلىدۇ ،،مەسىلەن تەيۋېڭ بورىنى دېگەندەك .ياز پەسلى  ئاسىيا قىتئەسى قۇرۇقلىقىنىڭ بېسىمى ئىنتايىن تۆۋەن ،شىمالى تىنىچ ئوكيان ھاۋا ئېقىمى قۇرۇقلۇققا قاراپ يۆتكىلىدۇ ،قىش پەسلىدە ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە ،كەڭ كۆلەمدىكى پەسىللىك كېلىمات شەكىللىنىدۇ . شىمالى تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىز سۈيى تېمپىراتۇرىسى جەنۇبى تىنىچ ئوكيان تېمپىراتۇرىسىدىن چوڭ ،سەۋەبى جەنۇبىي تىنىچ ئوكياننىڭ سۇ دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ ھەم جەنۇبى قۇتۇپ مۇزلۇق تاغلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . پاسسات شامىلى بەلۋېغى دېڭىز سۈيىدىكى تۇز مىقدارى ئېكۋاتور بەلۋېغىدىن تۆۋەن .تىنىچ ئوكيان ئوكيان ئېقىمى پاسسات شامىلىنىڭ تەسىرىدە شەرقتىن غەربپكە قاراپ ئېقىپ  جەنۇپ ،شىمال ئېكىۋاتور ئىسسىق ئېقىمىنى شەكىللەندۈىدۇ  ،جەنۇپ شىمال ئېكىۋاتور ئىسسىق ئېقىمى ئوتتۇرىسىدا قامۇ قارشى بولغان ئېكىۋاتور تەتۈر ئېقىمى پەيدا بولىدۇ. شىمالى تىىچ ئوكيان ئىللىق ئېقىمى شەرققە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ ،شىمالى ئامرېكا قىتئەسىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغىقىغا كەلگەندە جەنۇپقا قاراپ يۆتكىلىدۇ  بۇ كالىفورنىيە دېڭىز ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ .مۇشۇنداق قىلىپ شىمالى تىنىچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمى شەكىللىنىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بېرىنگ دېڭىزى دېڭىز ئېقىمى  جەنۇپقا قاراپ ئاقىدۇ بۇ كامچاتكا سوغۇق ئېقىمى دېيىلىدۇ ، ياپونىيە خونسيو ئارىلىنىڭ شەرقى تەرىپىگە قاراپ ئېقىپ ،شىمالى كەڭلىك °36 يېقىن جايدا قارا ئېقىم بىلەن ئۇچرىشىدۇ .جەنۇبىي ئېكىۋاتور ئىسسىق ئېقىمى سولومون تاقىم ئارىلىغا كەلگەندىن كېيىن ،جەنۇپقا قاراپ ئېقىپ شەرقىي ئاۋسترالىيە ئىسسىق ئېقىمىغا ئايلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي تىنىچ ئوكيان ئايلانما ئېقىمى شەكىللىنىدۇ .

 تىنىچ ئوكياننىڭ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ ،غەربى تىنىچ ئوكيان ياپونىيەدېڭىزى ،ئوخوت دېڭىزى قاتارلىقلار مۇھىم بولغان بېلىق تۇتۇش رايونى ، دېڭىز ئاستىدا كۆپمىقداردا مانگان كاللىكى بار ،دېڭىز سۈيىدىن يەنە تۇز ،سىنىك، بروم قاتارلىقلارنىئايرىۋالغىلى بولىدۇ،كۆپ مىقداردا نېفىت زاپىسى بار ، تىنىچ ئوكيان جەشىمالى نۇپتاجەنۇبىي قۇتۇپ رايونىدىن باشلىنىپ شىمالدا شىمالى قۇتۇپقىچە   ،غەرب تەرىپى ئاسىيا قىتئەسى ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەسىىگىچە ، شەرق تەرىپى جەنۇبى ۋە شىمالىئامرېكا قىتئەسىگىچەيەر شارى كۆلىمىنىڭ 1/3   قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز، كۆلىمى دۇنيادىكى ئىككىنىچ چوڭ ئوكيان ئاتلانتىكئوكياننىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، سۇ سىغىمچانلىقى 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى.  ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 4187.8 مېتىر ،غەربىتىنىچ ئوكياننىڭ نۇرغۇن تارماق دېڭىزلىرى بار ،شىمالدىن جەنۇپقىچە بېرنىگ دېڭىزى ،غەرىپتە جۇجىياڭ دەرياسى، چاڭجىياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىقلار .

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#