- چارباغ يېزىسى (لوپ ناھىيەسى)
- چارباغ يېزىسى (مارالبېشى ناھىيەسى )
- چارباغ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
چارباغ يېزىسى
چارباغ يېزىسى لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي بۇيا يېزىسى ئىمام قاراسۇ ئۆستىڭى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي چوڭ ئۆستىڭى ئارقىلىق راخمانپۇر پاسىلى لوپ بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ۋات يېزىسى، شەرقىي شىمال ھاڭگىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، بىر ئۇچى تەكلىماكان قۇملۇقى غا تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چارباغ يېزىسى لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي بۇيا يېزىسى ئىمام قاراسۇ ئۆستىڭى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي چوڭ ئۆستىڭى ئارقىلىق راخمانپۇر پاسىلى لوپ بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ۋات يېزىسى، شەرقىي شىمالى ھاڭگىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، بىر ئۇچى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 36 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 880 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ قارىمىقىدا 39 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 166كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزىدا 9550 ئائىلىلىك، 37656 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 35 مىڭ ئادەم، پۈتۈن يېزىدىكى ئاھالە ئىچىدە ئۇيغۇر 37581 ئادەم، خەنزۇ 74 ئادەم، لوپ ناھىيەسى دىكى ئەڭ چوڭ بازاردىن بىر، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقئۆستەڭ كەنتى، «315» دۆلەت يولى بۇ يېزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ.
چارباغ يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى : 653224203. قارمىقىدىكى 40 كەنت ئاھالە كومىتېتى : ئۆستەڭ كەنتى، چارباغ كەنتى، جايتوغراق كەنتى، چوڭ كۆلبېشى كەنتى، ئايماق كەنتى، ئويلا كەنتى، باش سوغاققۇم كەنتى، خەلپە ئېرىق كەنتى، قوچاقئېرىق كەنتى، بامى كەنتى، ئوقچى كەنتى، باش قۇمئېرىق كەنتى، يار كەنتى، تېتىر باغ كەنتى، تايلاق كەنتى، گىجا قاراقىر كەنتى، دۆڭ مەھەللە كەنتى، قۇملەڭگەر كەنتى، ئارا مەھەللە كەنتى، ھەرەمباغ كەنتى، ئاياغ ساي كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، كالۇئېرىق كەنتى، ئىلدامئېرىق كەنتى، باش گىجا كەنتى، ئاياغ گىجا كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنت، ئاخونئېرىق كەنتى، كۆلئېرىق كەنتى، تۆۋەن قۇمئېرىق كەنتى، باش پىچەكچى كەنتى، ئۆستەڭ ئۇچى كەنتى، كۈكۈمەت كەنتى، كۇچا ئېرىق كەنتى، ئاتيايلاق ياقا كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، سەيگۈلۈك كەنتى، گۈلباغ كەنتى، باغچى كەنتى، مالىيەن يېڭى كەنتى قاتارلىقلار.
چارباغ يېزىسى ئۇرۇقدىشى تاغ ئالدى چۆكۈندى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1370 مېتر، تەۋەسىدە شەرقىي شىمالدىكى بىر قىسىم قۇملۇق چۆل جايلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بوستانلىق تېرىلغۇ يەرلەر كۆپ، ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ بولۇپ، تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇملۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃6، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن، قۇمساڭغۇ تۇپراقتىن 64178 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز؛ ياغلىق دان، پىلە بېقىش ۋە ئۈجمە دەرىخى تىكىش، مېۋە-چېۋىلەر قۇشۇمچە تېرىلىدۇ. 2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7925.78 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم مائاشى 1495 يۈەندىن بولغان، 2002-يىلدىكىدىن 171 يۈەن ئاشقان.
يېزا سەھىيە ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي ئەخلاقتا ئالىيجاناب، كەسپىي ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى ياخشىلاپ، بىمارنى قوبۇل دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش نىسبىتى %99.2 يەتكۈزۈش، يېزا-دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش-داۋالىنىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن، ئېغىر يۇقۇملۇق ۋابا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان. نوپۇس ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نىشانلىق ئوڭۇشلۇق تاماملىغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى %0.2، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %1.4، پىلانلىق تۇغۇت نىسبىتى %100، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش نىسبىتى %70، ئۇنىۋېرساللىق %99.95 كە يېتىپ، %74 ياخشىلانغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.