لى يۈەنچاۋ
لى يۈەنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇنىڭ ليەنشۈيدىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لى يۈەنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1950-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇنىڭ ليەنشۈيدىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
1968-يىلدىن 1972-يىلغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى دا فېڭ ناھىيەسى شاڭخەي دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلىگەن.
1972-يىلدىن 1974-يىلغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.
1974-يىلدىن 1975-يىلغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەنچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
1975-يىلدىن 1978-يىلغىچە شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونى ئىشتىن سىرت سانائەت كەسپىي پەنلىرى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
1978-يىلدىن 1982-يىلغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىنىڭ 77-يىللىق سىنىپىدا ئوقۇغان، فاكۇلتېت ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سېكرېتارى بولغان.
1982-يىلدىن 1983-يىلغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
1983-يىلدىن 1983-يىلغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سېكرېتارى بولغان.
1983-يىلدىن 1990-يىلغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى بولغان، ئارىلىقتا 1988-يىلدىن 1991-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى مەركىزىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئوقۇپ، تەبىئىي پەن بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.
1990-يىلدىن 1993-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى بىرىنچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
1993-يىلدىن 1996-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.ئارىلىقتا 1991-يىلدىن 1995-يىلغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانلىق بۆلۈمى ئىلمىي سوتسيالىزىم كەسپىدە ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىقتىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.
1996-يىلدىن 2000-يىلغىچە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
2000-يىلدىن 2001-يىلغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
2001-يىلدىن 2002-يىلغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان.
2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان.
2003-يىلدىن 2007-يىلغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2012-يىلدىن 2013-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2013-يىلدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى. سىياسىي كېڭەش7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.