قومۇل ئالۋاستى شەھىرى

قومۇل ئالۋاستى شەھىرى

ئالۋاستى شەھىرى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قارا دۆۋە يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، قومۇل شەھىرى بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قومۇل ئالۋاستى شەھىرى
تەۋەلىكى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسى
خەنزۇچە نامى 哈密魔鬼城
باشقا نامى شەيتانكەرىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالۋاستى شەھىرى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قارادۆۋە يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، قومۇل شەھىرى بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ سىرلىق، چۈشىنىكسىز، يەر شەكلى تونۇش بولمىغان ئادەم ئەگەر بورانغا ئۇچىرىسا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش خەۋپى بار.

قۇمۇل يارداڭلىق يەر شەكلى شەرقتە يەندۇن سىرتىدىكى تۆگە چوققىسىدىن باشلىنىپ يامانسۇ تۆمۈر كېنى، چوڭ بوغاز كۆمۈر كانى، ساركۆل كۆللىرىدىن  ئۆتۈپ، قارادۆۋە سەنجاپارغا بارغۇچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 ~ 5 كىلومېتىر كېلىدۇ، قۇمۇلنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىللىك شامال يالاشتىن تەبىئىي شەكىللەنگەن.

ئالۋاستى شەھىرى ئۇ خۇددى قەلئە، قوبۇلخانا، مۇنار، مەڭگۈ تاش، شەخسلەر، ئۇچار قانات ۋە ھايۋان قاتارلىقلارنىڭ  ھەر خىل شەكىل مەنزىرىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كۆزنى چاقنىتىدىغان تاش شېغىل ئىچىدىكى رەڭگارەڭ ھېقىق، سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، ساپ ئۆسۈملۈك تاش قاتمىسى، دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسى، قۇشلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسى قاتارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە بەزىدە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئاۋازلارنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن «ئالۋاستى شەھىرى» دەپ ئاتالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#