شاخاپ يېزىسى

شاخاپ يېزىسى

شاخاپ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى شاخاپ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 64 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 夏合甫乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 16227 ئادەم
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاخاپ يېزىسىشاخاپ يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.77 مو، يېزىغا قاراشلىق 18 مەمۇرىي كەنت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا بويىچە 3657 ئائىلە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 16227 ئادەم. ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان. يېزىدا بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 35 پارتىيە ياچېيكىسى، 628 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار.

شاخاپ يېزىسىشاخاپ يېزىسى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653126209؛ يېزىغا قاراشلىق 17 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: شاخاپ كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، يېڭىباغ كەنكتى، يېڭىيار كەنتى، داۋغان كەنتى، بوستانقۇمۇش كەنتى، تۆگىلەس كەنتى، لەڭگەرباغ كەنتى، بۈۋىبۇلاق كەنتى، غانچى كەنتى، تۆۋەن توقاي كەنتى، توغراق كەنتى، يۇقارقى توقاي كەنتى، چىۋا كەنتى، ئارالباغ كەنتى، ئوتاقچى كەنتى، مازار كەنتى، قارادۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى قاتارلىقلار.

بۇ يېزىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، سۇ-تۇپراق شارائىتى ياخشى، ئىسسىقلىق بايلىقى مول. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىسى. ئاشلىق، كېۋەز، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق تۆت چوڭ كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق، ئۆرۈك، گۈرۈچ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا داڭقى بار.

تېرىقچىلىقى 

شاخاپ يېزىسىتېرىقچىلىق جەھەتتە: ئاشلىق كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سورتنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئۈنۈمى مول ھوسۇللۇق بازار رىقابىتىنى يېتەكلەش تېرىقچىلىق ئۈنۈمى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان بەزى ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تېرىلغان. بۇغداي بىرلىك مەھسۇلاتى 446 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6690 توننا؛ ھەر خىل ئارپىبەدىيان 6000 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 40 كىلوگرام، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 45 يۈەن ئاشۇرۇلغان.

چارۋىچىلىقى 

چارۋىچىلىق جەھەتتە: گەۋدىلىك، ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىپ، ھەر قايسى كەنت سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈجە چىقىرىش ئۆيى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئەلا، ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تۆۋەن تەننەرخلىق ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇقىرى بولغان ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى كۆپەيتىلگەن. توخۇ 30 مىڭغا يەتكەن، ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرىچە ئىشقا ئاشۇرۇش توخۇ بېقىش 100 دانە بۇلۇپ، دومىلىما تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2006-يىلى مۆلچەرلىنىشىچە 38 مىڭ 200 تۇياق چارۋا قېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان. چىقىم قىلىنغان تاۋار چارۋا تۇياق ساپ مەھسۇلاتى 28 مىڭ 300 تۇياق، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان.

باغۋەنچىلىكى 

شاخاپ يېزىسىباغۋەنچىلىك جەھەتتە: يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان ياڭاق 18352 مو، 183 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. يىلىغا ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق 330 توننا، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون 970 مىڭ يۈەن. ئۆرۈك 5160 مو، 110 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2380 توننا، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون 380مىڭ يۈەن. مېۋىلىك دەرەخ ئۇلاش، ئەي بولۇش نىسبىتى %92 كە يەتكەن.

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى

شاخاپ يېزىسىئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە: شاخاپ يېزىسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى 1100 موغا، 852 پارنىكقا يەتكەن. دەسلەپكى قەدەمدە  ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان  سورتلاردىن قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىقلار. لاپاس پارنىكتىن  يىلىغا قىزىلمۇچ 1050 توننا، پەمىدۇر 900 توننا، قوغۇن-تاۋۇز 550 توننا. پەن-تېخنىكا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ يېشىل، زىيانسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش نىشان قىلىپ، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ئىسكىلاتقا قويۇش، يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەش، سىپتا پىششىقلاش، مەھسۇلات قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغان. 

ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش

يىللىق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش 3000 دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم)، 2005-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2095 يۈەن، كىرىمنى ئاشۇرۇش 230 يۈەن بولۇپ، %12.3 ئاشقان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#