جۇخار گۈلى

جۇخار گۈلى گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە، جۇخارگۈل ئەترىتى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

ئۇيغۇرچە نامى جۇخار گۈلى
ئىنگلىزچە نامى Chrysanthemum
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى جۇخار گۈلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى جۇخارگۈل ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى جۇخارگۈل كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۈخار گۈلىجۇڭگودا ئۆستۈرۈلىدىغان جۇخار گۈلى 3000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇخار گۈلى ھەممىسى جۇڭگودىن تارقىلىپ بارغان. مىلادىيە 386 - يىلى جۇڭگو جۇخار گۈلى چاۋشيەن ياپونىيەگە تارقالغان، ھازىرغا قەدەر 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ياپونىيىدە ئۆستۈرۈلگەنلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئېچىلىدۇ، تۈرى كۆپ خىل گۈل - گىياھ ھېسابلىنىدۇ. فرانسىيە ھەم جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئەلا سورتلارنى توپلاپ، فرانسىيەگە ئاپىرىپ تېرىلىشقا باشلىغان. 19 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە بوتانىكا ئالىمى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئېسىل سورتىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ ئەنگلىيەدە كەڭ تارقالغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيە ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. 

جۈخار گۈلىتۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 20-200 سانتىمېتىر، ئادەتتە 30-90 سانتىمېتىر. غولىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل ياكى قوڭۇر، ئۈجمە يوپۇرماقلىق جۇخار گۈلىدىن باشقا، كۆپىنچىسى تىك شاخلىنىدۇ، تۈۋى قىسمى يېرىم ياغاچلاشقان. ئاددىي يوپۇرماقلىق نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىماندىن ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىلدە، گىرۋىكىدىكى ھەرە چىشلىرى ئاراچ. باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ ياكى قولتۇقىدىن بىر تال ياكى بىرنەچچە تال غۇژمەك ئۆسىدۇ. تىلسىمان گۈلى ئانىلىق گۈل، كانايسىمان گۈل ئىككى جىنسلىق گۈل، تىلسىمان گۈل دەپ ئايرىلىدۇ، گۈلى قىزىل، سېرىق، ئاق، سۆسۈن، يېشىل، ئاچ قىزىل، ھال رەڭ، كۆپ خىل رەڭلىك، ئارا رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.  

جۈخار گۈلىجۇخار گۈلىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كىلىماتى ۋە تۇپراق شارائىتىغا نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ، ئاجىز كىسلاتا، مىكرو ئىشقارلىق خاراكتېرلىك تۇپراقنىڭ ھەممىسى ئۆسىدۇ. جۇخار گۈلىنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق ببرىش كۈچى چوڭ. بىخلىنىش تېمپېراتۇرىسى ℃10 تىن يۇقىرى بولغاندا يوشۇرۇن بىخلىنىپ بولىدۇ، ℃ 20 ~ 25 تېمپېراتۇرىدا ئەڭ مۇۋاپىق ئۆسىدۇ. جۇخار گۈلى، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق.

جۇخار گۈلنىڭ تۈرلىرى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەر - بازار ۋە يېزىلارغا تارقالغان بولۇپ، بولۇپمۇ بېيجىڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، چىڭداۋ ئارىلى، تيەنجىن، كەيفىڭ، ۋۇخەن، چىڭدۇ، چاڭشا، شياڭتەن، شىئەن، شېنياڭ، گۇاڭجۇ، جۇڭشەن شەھىرى قاتارلىقلار. 

1. تۈپ ئايرىپ بېكىتىش، 11 - ئايدا جۇخار گۈلى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، جۇخار گۈلىنىڭ غولىنى يەر يۈزىدىكى گەندىدىن يىراق تۇتۇش، ساغلاملىرىنى تاللاش، ئۇنىڭ يىلتىزىنىڭ ھەممىسىنى كولاپ، قايتىدىن بىر پارچە مۇنبەت يەرگە تىكىپ بىر قەۋەت تۇپراق ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاش، قىشتىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش.

2. 4-5-ئايلارد ياكى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە قەلەمچە قىلىپ تىكىپ كۆچەت يىتىشتۈرۈش، يوغانلىرىنى تاللاش، كېسەللىك يوق يېڭى قەلەمچىنى تىكىش. ئاندىن قەلەمچە تىكىپ مايسا قىستۇرۇش، قۇر ئارىلىقى 20 سانتىمېتىر، تۈپ ئارىلىقى 6-7 سانتىمېتىر، تەخمىنەن 20 كۈن ئەتراپىدا يىلتىز چىقىرىدۇ، ھەر بىر ئايدىن كېيىن بىر قېتىم ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ گەندە سۈيى بىلەن ئۇغۇتلاش، كۆچەت ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر بولىدۇ.

ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى چوقۇم گۈل بىخنىڭ بۆلۈنۈشى ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. گۈلنى يېتەكلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق سىرتقى شارائىت بولسا تېمپېراتۇرا ۋە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى بولۇپ، جۇخارگۈلىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كۈن نۇرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك ئۆسۈش جەريانىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نىسپىي ئۇزۇقلۇقىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. بۇ بولسا يورۇقلۇقنىڭ دەۋرىيلىك ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يورۇقلۇق دەۋرىيلىك ھادىسىسىنىڭ تىپى ئادەتتە ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ : بىرىنچى خىلى، جۇخار گۈلىگە ئوخشاش گۈلىنىڭ ئېچىلىشى قىسقا كۈن نۇرىنى تەلەپ قىلىدىغان، يەنى كۈننىڭ چۈشۈش ۋاقتى بىر چەككە يېقىن قىممەتتىن تۆۋەن يەنى چەكلىك يورۇتۇش ۋاقتى بولغاندا، بىر مەزگىللىك قىسقا كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسا گۈلى ئېچىلىدۇ. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە، گۈلنىڭ بىخلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك دەپ ئاتايمىز، قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈكنىڭ قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىغا بولغان تەلىپى 12-14 سائەتتىن ئاز بولىدۇ. مەسلەن، تاجىگۈل، پارىس جۇخار گۈلى، چۆل قىزىل يالپۇزى؛ زىرائەتلەردىن، كۆممىقوناق، تاتلىق ياڭيۇ، كېۋەز، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار. ئەكسىچە بولسا ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسلەن، خېنە، قىزىل روشەنگۈل، نورۇزگۈل قاتارلىقلار؛ زىرائەتلەردىن ئارپا، سۇلۇ، قىچا، پىياز، سەۋزە، پالەك، دادۇر قاتارلىقلار. ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىغا بولغان تەلىپى 12-14 سائەتتىن كۆپ بولىدۇ. يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، گۈل ئېچىش قۇياش نۇرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ قۇياش نۇرى بەك تەلەپ قىلمايدىغان ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلدۇ. مەسلەن، پاكار ھەشقىپىچەك، چىنىگۈل، ئەتىرگۈل قاتارلىقلار؛ زىرائەتلەردىن، چىلگە شال، ئادەتتىكى شال، پەمىدۇر، تەرخەمەك، مۇچ قاتارلىقلار. 

جۇخارگۈلى قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك بولغاچقا، كۈزدە تېمپېراتۇرا ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەيدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئاستا - ئاستا قىسقىرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن جۇخار گۈلىنىڭ يوپۇرمىقى قىسقا كۈنلۈك يورۇتۇشنىڭ سىگنالىنى ھېس قىلىدۇ. جۇخار گۈلىنىڭ تۈپى ئىچىدە گۈلى ئېچىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قاتار ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. سىجىل قىسقا كۈنلۈك يورۇتۇش بىر تەرەپ قىلىنسا، ئادەتتە 10- ئاينىڭ

ئاخىرى 11-ئاينىڭ باشلىرى گۈلى ئېچىلىدۇ. ئەگەر جۇخار گۈلىنى بالدۇر ئېچىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە، « 1-مايدا » كۈن نۇرىنىڭ تەبىئىي يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن. شۇڭا، چوقۇم سۈنئىي ئۇسۇلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك. بۇنىڭدا دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل كۈن نۇرىنى توسۇش، يەنى تەخمىنەن ئىككى ئاي كۈن نۇرىنى بالدۇر توسۇش كېرەك. قارا رەڭلىك سولياۋ ياكى باشقا يورۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرياللار ئارقىلىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى توسۇش كېرەك. ئادەتتە چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى تۆتتىن باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سەككىزگىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى توسۇسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېمپېراتۇرىسى ℃35 دىن تۆۋەن ( تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولسا گۈل بىخنىڭ بۆلۈنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ) ھالەتتە كونتىرول قىلسا، سۇ ۋە ئوغۇتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا جۇخار گۈلىنىڭ تۈپىنىڭ گۈل بىخى بالدۇر بۆلۈنۈپ، غۇنچىسى كۆرۈنىدۇ ۋە « 1 - مايدا » چىرايلىق گۈلى ئېچىلىدۇ.

[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#