كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

كۆممىقوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

كۆممىقوناقنى زىچ تېرىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، زىچ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئەلا سورتلار تاللىنىپ چوڭ چۆنەكلىك كەڭ - تار قۇرلۇق ئۆستۈرۈش، زىچلىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مەھسۇلات ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆممىقوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىكۆممىقوناقنى زىچ تېرىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، زىچ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئەلا سورتلار تاللىنىپ چوڭ چۆنەكلىك كەڭ - تار قۇرلۇق ئۆستۈرۈش، زىچلىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مەھسۇلات ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، تېرىش شەكلىدە ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى 65 سانتېمىتىر ياكى سانتېمىتىر 70 لىق چۆنەكلەپ ئۆستۈرۈش ئۆزگەرتىلىپ، ئىككى چۆنەك بىر چۆنەككە ئۆزگەرتىلىدۇ، چۆنەك ئارىلىقى 130 سانتېمىتىر ياكى 140 سانتېمىتىر قىلىنىپ چۆنەككە قوش قۇر قىلىپ تېرىلىدۇ، چوڭ قۇرنىڭ ئارىلىقى 90 سانتېمىتىر ياكى 100 سانتېمىتىر، كىچىك قۇرنىڭ ئارلىقى 40 سانتېمىتىر قىلىنىپ كەڭ-تار قۇرلۇق ئۆستۈرىلىدۇ، كۆممىقوناقنى زىچ تېرىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئادەتتىكى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا قارىغاندا مەھسۇلاتنى 100-80 كىلوگىرام ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆممىقوناق نەملىكى 4-3 پوئېنت تۆۋەنلەپ كۆممىقوناق سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ. 

ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش 

سورت تاللاش: كىلىمات شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى، تۇپراق مۇنبەتلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن شۇ جايدا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق قىلىدىغان جىدەن 77 قاتارلىق سورتلارنى تاللاش كېرەك. 

ئۇرۇق سۈپىتى: ئۇرۇق ساپلىقى %98 دىن، پاكىزلىقى %98 دىن، بېخلىنىش نىسبىتى %90 دىن تۆۋەن بولماسلىقى، نەملىكى %16 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. 

ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش

(1) يەر ئاستى زىيانداش ھاشارەتلىرى ۋە مايسا مەزگىلىدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتىش ئۈچۈن %50 لىك شىنلىيۇلىن مايلىق ئېمولىتسىيىسىدىن بىر كىلوگىرامنى 40 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن 400 كىلوگىرام ئۇرۇقنى دورىلاش كېرەك؛

(2) ئۇرۇققا دورا يالتىش ياكى ئۇرۇق دورىلاش : بىرىنچى، يەر ئاستى زىيانداش ھاشارەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئېغىر، كۆممىقوناق يىپمسىان قارا باشاق كېسىلىنىڭ زىيىنى يېنىكرەك بولغان ئېتىزلاردا قۇرۇق ئۇرۇقنى تېرىغاندا %35 لىك دوكېفۇ يالاتما دورىسى ياكى %20 لىك فۇفۇ يالاتما دورىسىنى ئۇرۇققا دورا- ئۇرۇق نىسبىتى 1:70 قىلىپ يالىتىش كېرەك؛ بېخلانغان ئۇرۇقنى تېرىغاندا ئۇرۇققا دورا- ئۇرۇق نىسبىتى 1:70 قىلىپ دورا يالىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يەر ئاستى زىيانداش ھاشارەتلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر، ھەمدە كۆممىقوناق يېپسىمان قارا باشاق كېسىلى ئېغىر پەيدا بولغان ئېتىزلارغا %2 لىك لىكېشىيۈ دورىسىنى ئۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ %0.4 بويىچە ئۇرۇققا ئارىلاشتۇرۇش، ئۇرۇق سالغاندا ھەر موغا 3-2 كىلوگىرام شىنلىيۈلىن دورىسىنى ئۇرۇق ئوغۇتى بىلەن بىللە يەرگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇرۇقنى چىلاپ بېخلاندۇرۇش، ئۇرۇق 30-28 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇغا 12-8 سائەت چېلىنىپ سۈزۈپ ئېلىنغاندىن كېيىن 25-20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۆي تىمپىراتۇرسى شارائىتىدا بىخلاندۇرىلىدۇ. ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇش ئۇرۇقنىڭ تۆرەلمە يىلتىزى چىققاندىن كېيىن سالقىن جايغا قويۇپ تېرىشقا تەييارلاپ قويۇش كېرەك، ياكى %0.1 لىك سىنىك سولفات ئېرىتمىسىگە ئۇرۇقنى چىلاپ بېخلاندۇرسىمۇ بولىدۇ. 

يەر تاللاش، ئېڭىز تاللاش، يەر تۈزلەش 

كۆممىقوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى1) ھەيدەلمە قاتلىمى چوڭقۇر، مۇنبەتلىكى بىر قەدەر ياخشى سۇ، ئوغۇتنى ساقلاش ۋە توختام سۇلارنى چىقىرۋېتىش شارائىتى ياخشى بولغان يەرلەرنى تاللاش كېرەك. 

2) سېرىق پۇرچاق، بۇغداي بەرەڭگە قاتارلىقلارنىڭ ئېڭىزىنى تاللىسا بولىدۇ. 

3) تومۇزدا ۋە كۈزدە يەر ئاغدۇرۇپ تۈزلەش، ئىلگىرى چوڭقۇر ئاغدۇرۇلمىغان يەرلەرنى 23-20 سانتېمىتىر چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ بوشىتىش كېرەك. ئالا ئاغدۇرلۇپ قېلىشتىن، چوڭ داڭگاللىق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئاغدۇرۇپ بولۇپ ۋاقتىدا تېرنىلاپ سۆرەم سېلىش، ۋاقتىدا چۆنەك ئېچىش كېرەك، چۆنەك ئارىلىقى 140-130 سانتېمىتىر قىلىنىدۇ. ئەسلىدىكى چۆنەكلەر چوڭ چۆنەككە ئۆزگەرتىلىدۇ. 

ئوغۇتلاش 

1) ھەر گېكتارغا تەركىۋىدىكى ئورگانىك ماددا مىقدارى %80 دىن ئارتۇق بولغان 40-30 توننا مەھەللىۋى ئوغۇتنى يەر تۈزلەشكە بىرلەشتۈرۈپ چېچىپ بېرىش ياكى قۇرلاپ بېرىش كېرەك. 

2) خىمىيۋى ئوغۇت. فوسفورلۇق ئوغۇت: ھەر گېكتارغا 112-75 كىلوگىرام P2O5 نى ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىپ بېرىش كېرەك؛ كالىيلىق ئوغۇت: ھەر گېكتارغا 75-60 كىلوگىرام كالىي ئوكسىدىنى ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىپ بېرىش كېرەك؛ ئازوتلۇق ئوغۇت: ھەر گېكتارغا 150-100 كىلوگىرام ساپ ئازوت بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %30 ى ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىنىپ، %70 ى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىنىپ بېرىلىدۇ. 

تېرىش

1) تېرىش مەزگىلى. يەر تىمپىراتۇرىسى مۇقىم ھالدا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندا نەملىكتىن پايدىلىنىپ تېرىلىدۇ. مۇۋاپىق تېرىش مەزگىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە. 

2) تېرىش ئۇسۇلى. ماشىنا بىلەن قوش قۇرلۇق قىلىپ دەل مىقداردا ئۇۋىلاپ تېرىلىدۇ، ئۇرۇقنى تەكشى سېلىش، ئۈستىنى توپا بىلەن تەكشى يېپىش، تېرىپ بولۇپ ئۈستىنى چىڭداش كېرەك، چىڭدىغاندىن كېيىن تېرىش چوڭقۇرلۇقى 4-3 سانتېمىتىرغا يېتىدۇ، چىڭدىغاندا ئالا قويماسلىق، توپا دۆۋىلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

3) تېرىش زىچلىقى. جىدەن-77 زىچ تېرىشقا چىداملىق سورت بولۇپ، ھەر موغا 2.5 كىلوگىرام ئۇرۇق سېلىنىپ ھەر گېكتاردا 60 مىڭدىن 65 مىڭ تۈپكىچە مايسا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

ئېتىز پەرۋىشى

كۆممىقوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى1) ئېتىزنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ تىكىش. ئۈنۈشتىن ئىلگىرى بىخلاش ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈپ ئۇۋىلىپ كەتكەن، سېسىپ كەتكەن بىخلار بولسا ئىلىۋېتىپ زاپاس مايسا ئىشلىتىش كېرەك؛ ئۈنگەندىن كېيىن ئالا قۇر بولۇپ قالغان بولسا زاپاس مايسا ياكى ئارتۇق مايسا بىلەن تولۇقلاپ تىكىش كېرەك. 4-3 يوپۇرماق چىقارغاندا ئاجىز، كېسەل تەككەن، كىچىك مايسىلارنى يۇلىۋېتىپ، تەڭ ئارىلىقتا مايسا بىكىتىش كېرەك. 

2) زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش.

(1) يېپىشقاق قۇرت. پىرىتېرېن تۈۋرىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەر گېكتارغا 450-300 مىللىلېتىردىن توغرا كەلتۈرۈلۈپ 450 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرلۇپ پۈركىلىدۇ، ياكى ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن يوقىتىلىدۇ. 

(2) كۆممىقوناق كۆك قۇرتى. يۇقىرى بېسىملىق ئىسپىرت چىرىغى بىلەن ئالدىنى ئېلىش يوقىتىش : كۆممىقوناق كۆك قۇرتى يېتىلىپ قانات چىقارغان مەزگىلدە ھەركۈنى كەچ سائەت 9:00 دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 4:00 گىچە چىراغ يىقىلىدۇ، سىم-سىم يامغۇر ياغقاندا چىراغنى ئۆچەرمىسىمۇ بولىدۇ. قىزىل كۆز ھەرە ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ،يوقىتىش : كۆممىقوناق كۆك قۇرتى راسا تۇخۇملاۋاتقان مەزگىلدە ھەر گېكتارغا 225 مىڭ دانە قىزىل كۆز ھەرىنى 2-1 قېتىم قويۇپ بېرىش كېرەك. BT سۈتسىمان دورىسى ئارقىلىق كۆممىقوناق كۆك قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: كۆممىقوناق يېڭى يوپۇرماق چىقىرىشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (ئاتىلىق پۆپىكى %5 چىققاندا) ھەر گېكتارغا 2.25-3 كىلوگىرام BT سۈتسىمان دورىسى دانچە دورا قىلىنىپ چېچىلىدۇ ياكى 450 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرلۇپ تۇمانلىتىپ پۈركىلىدۇ. كۆممىقوناق شاخ-شۇمبىلىرىنى دۈملەش ئارقىلىق كۆممىقوناق كۆك قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتش: 5-4 ئايلاردا كۆممىقوناق كۆك قۇرتى ھەرىكەتلىنىشتىن ئىلگىرى ھەر كۇب مېتىر شاخ-شۇمبا 100 گىرام بەيجىياڭجۈن پاراشوك دورىسى ئارقىلىق دۈملەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

3) خىمىيىۋى ئۇسسۇلدا ئوت-چۆپ يوقىتىش.

(1) تېرىپ ئۈنۈشتىن ئىلگىرى ئوت-چۆپ يوقىتىش. تۇپراق نەملىكى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئېتىزلاردا تېرىپ ئۈنۈشتىن ئىلگىرى ئوت-چۆپ يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.بىرىنچى، دانلىق ياۋا ئوت-چۆپلەرگە قارىتا %50 لىك يىساۋئەننى ھەر گېكتارغا 3000-2250 مىللىلېتىر ياكى %90 لىك خېنەيسىنى ھەر گېكتارغا 1900-1400مىللىلېتىر، ياكى %72 لىك يىبىڭساۋئەن (%72 لىك دۇر مايلىق ئىمولسىيىسى، %50 لىك لېفىڭباۋ ) نى ھەر گېكتارغا 3750-2250 مىللىلېتىر ياكى %75 لىك بەينۇڭسى دورىسىنى ھەر گېكتارغا 150-120 گىرام ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىككىنچى كەڭ يوپۇرماقلىق ئوت چۆپلەرگە قارىتا %50 لىك جياساۋچىڭنى ھەر گېكتارغا1050 - 900 گىرام ياكى %75 لىك باۋشۇ قۇرغاق سۇسپىنزىيە سۈتسىمان دورىسىنى ھەر گېكتارغا 25-15 گىرام ئىشلەتسە بولىدۇ.

(2) دانلىق ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق ئوت-چۆپلەر ئارىلاش ئۆسكەن ئېتىزلارغا قارىتا %72 لىك دۇرنى ھەر گېكتارغا 2000-1500مىللىلېتىر، %50 لىك جىياساۋچىڭنى ھەر گېكتارغا 500-400 گىرام ياكى %50 لىك ئەنۋېي مايلىق ئىمولسىيسىنى كۆممىقوناق تېرىلىپ 5-3 كۈندىن كېيىن ئوت-چۆپ تېخى ئۈنمىگەندە ھەر گېكتارغا 4500-3500مىللىلېتىر ياكى %75 لىك بەينۇڭسى دورىسىدىن ھەر گېكتارغا 150-120 گىرامدىن توغرا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا 1950 مىللىلىتېر يىساۋئەننى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. 

يۇقىرىقى تەدبىرلەردىكى ھەر گېكتارغا ئىشلىتىلىدىغان دورا مىقدارىغا 600-400 گىلوگىرام سۇ قوشۇلۇپ تۇپراق يۈزىگە تەكشى تۇمانلىتىلىپ پۈركىلىدۇ. 

4) ئۈنگەندىن كېيىن ئوت-چۆپ يوقىتىش. كۆممىقوناق 5-3 يوپۇرماق چىقارغان، ئوت-چۆپلەر 4-2 يوپۇرماق چىقارغان مەزگىلدە ھەر گېكتارغا %4 لىك يۈنوڭلې سۇسپىنزىيىلىك سۈتىسمان دورىسىدىن 1500-1000 مىللىلېتىر 750-450 كىلوگىرام سۇغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ غول، يوپۇرماقلىرىغا پۈركىلىدۇ. 

5) قوشۇمچە ئوغۇتلاش. كۆممىقوناق 9-7 يوپۇرماق چىقارغان مەزگىلدە، ھەر گېكتارغا ئومۇمىي ئازوت مىقدارىنىڭ %70 ى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىپ بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغۇتلاش ئورنى كۆممىقوناق كىچىك قۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا بولۇپ چوڭقۇرلۇقى 15-10 سانتېمىتىر بولىدۇ. 

6) كۈزدە قىرلارنى ئېچىۋېتىش. 8-ئاينىڭ باشلىرى، ئوتتۇرلىرى كۈزدە قىرلارنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ چوڭ ئوتلار بىر ئىككى قېتىم ئوتىلىدۇ. 

6.تولۇق پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىش كېرەك.[0]

كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىكۆممىقوناقنى كەڭ يوپۇق يېپىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا ساقلانغان يوپۇق تار، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، زىچ ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولۇش، قۇر ئارىلىقى بەك كەڭ بولۇش، ئوچۇق قالىدىغان يەر كۆپ بولۇش، ئاسان ئوت - چۆپ بېسىپ كېتىش، سۇ كۆپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا كېڭەيتىلگەن بىر تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا. 

ئەۋزەللىكى

1. 70cm لىق تار يوپۇقنى 170cm لىق كەڭ يوپۇق يېپىشقا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىش، نەملىك ساقلاش، شورنى چەكلەش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مايسا تولۇق، تىمەن ئۆسىدۇ. 

2. كەڭ يوپۇق ياپقاندا 4 قۇرلۇق سىيالكىنى ئىشلىتىپ، زىچ تېرىغىلى، بىرلا قېتىمدا ئوغۇتلاش، يوپۇق يېپىش، ئۇۋا ئېچىش، تېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتنى تاماملاپ، ئىش ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

3. كەڭ يوپۇق ياپقاندا قۇر ئارىلىقىدىكى ئوچۇق قالىدىغان يەر ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە تارىيىدۇ، ئوت - چۆپ ئازلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلىنىدىغان سۇ ئازلاپ، سۇغىرىش مىقدارىنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ.[1] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/167/

2.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/164/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#