چىكاگو

ئا ق ش نىڭ ئىللىنوس شتاتىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى. ئا ق ش بويىچە نيويوركتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پۇل مۇئامىلە، سودا، مەدەنىيەت مەركىزى، چوڭ قاتناش تۈگۈنى.

نامى چىكاگو
دۆلىتى ئا ق ش
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 2,841,799(2013يىل)
داڭلىق ئۇنۋېرستىتى چىكاگو ئۇنۋېرستىتى
خەنزۇچە نامى 芝加哥
ئۆلكىسى ئىللىنوس شتاتى
يەر مەيدانى 606.2كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى تىروپىك بەلباغ قۇرۇقلۇق كېلىماتى
تىلى ئېنگىلىز تىلى،لاتىن تىلى،ئىسپان تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىكاگوئا ق ش نىڭ ئىللىنوس شتاتىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا قايلاشقان چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى. ئا ق ش بويىچە نيويوركتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پۇل مۇئامىلە، سودا، مەدەنىيەت مەركىزى، چوڭ قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 314 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . 

چىكاگوچىكاگو 1837-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. بۇ جاي دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈريول تۈگۈنى بولۇپ، 32 تارماق تۆمۈريول چىكاگو شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆل ھەم قاناللار ئارقىلىق ئا ق ش نىڭ بەش چوڭ كۆل رايونىدىكى شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. چىكاگونىڭ پولات-تۆمۈر، مېتاللۇرگىيە، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائەت، قاتناش ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان، ئېلېكترون، يېمەك-ئىچمەك، نەشرىيات قاتارلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. چىكاگو شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئەتىراپى ئا ق ش بويىچە شەرقىي شىمالدىكى دېڭىز قىرغاق رايونىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ سانائەت رايونى، بۇ جايدا ئاتاقلىق چوڭ بانكىلار، ئا ق ش بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق سودا دۇكانلىرى، چىكاگو داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مۇزېيلار، ئاتاقلىق خاتىرە ئورۇنلىرى بار.

چىكاگونىڭ شەھەر رايۇنى ئىنتايىن چوڭ،ئۇنى ئوتتۇرا،غەرىب،شىمال،جەنۇب دەپ تۆتكە بۆلۈشكە بۇلىدۇ(جەنۇب تەرىپى چوڭ كۆل).

شەھەر رايۇنلىرىدىن: ئېۋانستون ( Evanston ) سكوكى ( Skokie ) سسېرو ( Cicelo ) قارىئۆرۈك دوك شەھەر ( Maywood ) كالۇمېت پارك ( KalumetPark ) مىدلوسىئان (Midlothian)  قاتارلىقلار بار.....

مەدەنىيەتچىكاگو ئامرىكىدىكى ئالاھىدە شەھەرلەرنىڭ بىرى،ئۇنىڭ ئوتتۇرا-غەرىبى قىسىمىدا دۇنيا غەيرى-ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن مەزىلىكتائاملار مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن.چىكاگو بولسا يەر شارى بويىچە ئون چوڭ  باي شەھەرلەرنىڭ بىرى،ئۇ توكيو،نيۇيورۇك، لوس - ئانژىلىستىن قالسىلا 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.شەھەر مەركىزىدىكى شىرسى سودا بىناسى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئېگىزلىكى443مىتىر.

ساياھەتچىكاگودىكى قۇرۇلۇشلار  ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگەبۇلۇپ قۇيۇق ئامېرىكا قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئىگە.مەسىلەن:شىرسى سودا بىناسى،چىكاگوئۇنۋېرستىتى،ئوقيا سارىيى،قاتارلىق نۇرغۇن ۋەكىل خاراكتىرلىك ساياھەت رايۇنلىرى بار.

چىكاگونىڭ مائارىپ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن يۈكسەلگەن.ئۇ ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئالى مائارىپ مەركىزى.چىكاگودا

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپتىن 680،شەخسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپتىن394بار.83ئىنىستىتوت،88كۇتۇبخانا بار.19دانە 4يىللىق ئوقۇتۇش 

تۈزۈمىدىكى مەكتەپ،7دانە 2يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئىنىستىتوتتىن 7سى بار.بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دۇنياغا داڭلىق چىكاگو ئۇنۋېرستىتى،غەرىبى شىمال ئۇنۋېرستىتىمۇ بار.

چىكاگو ئۇنۋېرستىتى

چىكاگو ئۇنۋېرستىتىچىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى چىكاگوغا جايلاشقان خۇسۇسىي تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تولۇق كورس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تۆت فاكۇلتېت، ئالتە كەسپىي ئىنستىتۇت ۋە بىر داۋاملىق تەربىيىلەش ئىنستىتۇتىدىن تەركىب تاپقان ئاسپىرانتلار تەتقىقات تۈرى ۋە پەن ھالقىغان كوممىتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى، 87 ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپداش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىكلەر ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى نەپەر مەكتەپداش «uring Award» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەكتەپنىڭ قۇرۇلمىسى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كورس ئوقۇتۇشى 49 ئاساسىي كەسپىي دەرسلەر ۋە 22 قۇشۇمچە كەسپىي دەرسلەرنىڭ تەبىئىي پەن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ۋە ئىجتىمائىي پەن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇش يىلى تۆت يىل، چوڭ جەھەتتىن فىزىكا ئىلمى، بىئولوگىيە ئىلمى، ئىجتىمائىي پەنلەر، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى ۋە يېڭى ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت بەش يۆلىنىشكە بۆلىنىدۇ.

چىكاگوچىكاگونىڭ دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

 گانا -ئاككرا 

 ئىئوردانىيە -ئاممان 

 گرېتسىيە- ئافېنا 

 سېربىيە -بېلگىراد 

 ئەنگلىيە -بىرمىنگام 

 كانادا -تورونتو 

 ماراكەشنىڭ -كاسابلانكا 

 ھىندىستان -دېھلى 

 جەنۇبىي ئافرىقىا -دۇربان شەھىرى

 ئىرلاندىيە -قۇرۋېھ 

 شۋېتسىيە -گوتېبورگ 

 گېرمانىيە- ھامبۇرگ 

 ئۇكرائىنا- كىيېۋ 

 شۋېتسارىيە -لۇزېرن 

 جۇڭگو- تيەنجىن 

 مېكسىكىا-مېكسىكا شەھىرى 

 ئاۋسترالىيە -مېلبۇرن 

 ئىتالىيە -مىلان 

 روسىيە -موسكۋا 

 ياپونىيە -ئوساكا 

 فرانسىيە -پارىژ 

 ئىسرائىلىيە -پەتەھ تىقۋە 

 چېخ -پراگا 

 جۇڭگو -شېنياڭ 

 جۇڭگو -ۋۇخەن 

 جۇڭگو- شاڭخەي 

 لىتۋا -ۋىلنيۇس 

 پولشا -ۋارشاۋا 

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلى ئامېرىكا Baptist Churches تەرىپدىن قۇرۇلغان بۇرۇنقى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1886-يىلى مالىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تاقىلىپ قالغان. 1890-يىلى نېفىت پادىشاسى  جون داۋىسون روكېفېللېر (John Davison Rockefeller) نىڭ ياردىمى بىلەن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تۇنجى خۇسۇسىي مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ياردەم روكېفېللېر تەرىپىدىنمۇ «بىر قېتىملىق ئەڭ توغرا سېلىنغان مەبلەغ» دەپ قارالدى. 1892-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي دەرس باشلىدى. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان ئىنستىتۇتلىرىدىن سودا ئىنستىتۇتى، قانۇن ئىنستىتۇتى ۋە شەرق تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#