دېئەن ئەمبىروس
دېئەن ئەمبىروس، ئەسلى ئىسمى: (Jonathan Good) جوناسون گود، ئامېرىكا كەسپىي چېلىشىش ماھىرى، ھازىر WWEدا خىزمەت قىلىدۇ. 2004–يىلىدىن 2011–يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دېئەن Jon Moxley سالاھىيىتىدە نام چىقارغان.
مۇھىم ئىشلىرى: مۇقەددەس قالغان «The Shield» گۇرۇپپىسىىنىڭ ئەزاسى ۋاقتىدا، WWE ئامېرىكا چېمپىيونى بولغان (ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ماھىر).
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دېئەن ئەمبىروس، ئەسلى ئىسمى: (Jonathan Good) جوناسون گود، ئامېرىكا كەسپىي چېلىشىش ماھىرى، ھازىر WWEدا خىزمەت قىلىدۇ. 2004–يىلىدىن 2011–يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دېئەن Jon Moxley سالاھىيىتىدە نام چىقارغان. ئۇ كۆپلىگەن بىرلەشمىلەردە خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار FIP، CZW، ROH، Evolve ۋە ئامېرىكىنىڭ Dragon Gate قاتارلىقلار. ئىلگىرى بىر قېتىم FIP دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىغا، ئىككى قېتىم CZW دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 2011–يىلى، دېئەن WWE تەرەققىيات بىرلەشمىسى FCW (فىلورىدا چېمپىيونلۇق چېلىشىشى)غا كىرگەن، 2012–يىلى «مۇقەددەس قالقان»نىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە WWEدا مۇھىم رولغا چىقىشقا باشلىغان، «مۇقەددەس قالقان»نىڭ باشقا ئىككى نەپەر ئەزاسى سېس روللىنىس بىلەن رومەن رېيگنىس. دېئەن ئەمبېروس WWEدا بىر قېتىم ھۆججەت توختام سومكىسىغا، ئىككى قېتىم شىتاتلار چېمپىيونلۇقىغا، بىر قېتىم ئامېرىكا چېمپىيونلۇقىغا(ئۇنىڭ ئامېرىكا چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالغان ۋاقتى 351 كۈن بولۇپ، تارىختا چېمپىيونلۇقنى ئەڭ ئۇزۇن ساقلاپ قالغان ئۈچىنچى نەپەر ماھىر بولغان، ئامېرىكا چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان)، بىر قېتىم WWE چېمپىيونى بولغان.
دېئەن ئەمبىروس ئىككى قېتىم شىتاتلار چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ئامېرىكا چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم WWE چېمپىيونى بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.