نۇزۇ مىللىتى

نۇزۇ مىللىتى
نۇزۇلار نۇجياڭ دەرياسى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەدىمىي ئاھالە بولۇپ، تارىختا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىسۇ، ناشى، بەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يەرلىك بەگلىرى ۋە كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بەزى جايلار ھەتتا تېرىقچىلىقتا ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىش باسقۇچىدا توختاپ قالغان.

ئۇيغۇرچە نامى نۇزۇ مىللىتى
نوپۇسى 70000
خەنزۇچە نامى 怒族
چەتئەلچە نامى The Nu nationality

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇزۇ مىللىتىنۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى نۇزۇ رايونىدا بىرەر نۇزۇنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئېسىدە تۇتۇۋالماق تولىمۇ تەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىسمى 10 نەچچە ئەۋلاد ھەتتا 40 نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەجدادىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئالدىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بىر-ئىككى بوغۇمى كېيىنكى ئەۋلادقا ئىسىم قىلىپ قويۇلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىسمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ مارجاندەك تىزىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئىسىم قويۇش ئادىتى نۇزۇلار ياشاۋاتقان نۇرغۇن جايلاردا ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە.

نۇزۇلار نۇجياڭ دەرياسى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەدىمىي ئاھالە بولۇپ، تارىختا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىسۇ، ناشى، بەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يەرلىك بەگلىرى ۋە كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بەزى جايلار ھەتتا تېرىقچىلىقتا ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىش باسقۇچىدا توختاپ قالغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇزۇ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلاندى. نۇجياڭ دەرياسى ۋادىسى رايونىدىكى نۇزۇلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاياللار كاناپ رەخت توقۇيدۇ، ئەرلەر ھەر خىل بامبۇك سېۋەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى توقۇيدۇ. 

نۇزۇ مىللىتىنۇزۇ ئەر-ئاياللىرى كاناپ كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئادەتتە قىزلار 12—13 ياشتىن كېيىن ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە سول تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان چاپان كىيىدۇ. گۇڭشەن تېغىدىكى نۇزۇ ئاياللىرى ئىككى پارچە كاناپ رەختنى بېلىگە ئورىۋالىدۇ. ئەرلەر ئۇزۇن چاپان، قىسقا ئىشتان كىيىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر سول بېقىنىغا قىلىچ-پىچاق، ئوڭ مۈرىسىگە ئوقيا ئېسىۋالىدۇ. نۇزۇلار قوناق، يالىڭاچ ئارپىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئولتۇرىدىغان ئۆيلەر ياغاچ تاختاي قۇرۇلمىلىق ۋە بامبۇك قۇرۇلمىلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيى ئىككى ئېغىز بولۇپ، سىرتقى ئۆي مېھمانخانا قىلىنىدۇ، ئوچاق سېلىنىدۇ. ئىچكىرىكى ئۆي ھۇجرا ھەم ئاشلىق ئامبىرى قىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ كىرىپ چىقىشىغا بولمايدۇ.

نۇزۇلار توتىمغا چوقۇنىدۇ، ساكرامېتالىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پېرىخۇنلۇق بىرقەدەر ئومۇملاشقان دىنىي مۇراسىم ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم نۇزۇلار لاما دىنى، كاتولىك دىنى ياكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى مېيىتنى ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلاتتى، ھازىر يەرلىككە دەپنە قىلىدىغان بولدى. ئەگەر ئەر-ئايال بىرلىكتە دەپنە قىلىنسا، ئاياللار ئەرگە قارىتىلىپ پۇت-قولى پۈكلەپ قويۇلۇپ، يانتۇ ھالەتتە يەرلىككە قويۇلىدۇ. نۇزۇلارنىڭ تىلى بار، شۇنداقلا لىسۇ تىلىنى ئومۇميۈزلۈك سۆزلىيەلەيدۇ، نۇزۇلاردا جايلارنىڭ دىئالېكتىدا پەرق ئىنتايىن زور بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېزىقى يوق.

 نۇزۇلارنىڭ شېئىرلىرى جەڭگىۋار، ئۇسسۇلى مەردانە، رىتىمى ئېنىق بولۇپ، ئۇلار ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#