تاڭبالى

تاڭبالى _ ئىلى ۋادىسىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى، ئۇ نىلقا ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى تاڭبالى
قاراشلىق رايون ئىلى ۋادىسى نىلقا ناھىيەسى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئىلى
خەنزۇچە نامى 唐巴勒
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇرۇز بايرىمىدىن كېيىنلا ئىلى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلىرىدا قار ئېرىپ، دەل-دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ باھار پەسلىگە قەدەم قويسا، تاڭبالى رايونى 5-ئايدا ئاندىن كۆكىرىشكە باشلايدۇ، ياۋا ئالما، ياۋا تاغ ئۆرۈكى قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەر چىچەكلەيدۇ، 6-ئايدا، تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە تاڭبالى مەنزىرە رايونىدىكى جىلغا سايلاردا نۇرغۇن پەسىل خاراكتېرلىك سەيلىگاھ ئېچىلىدۇ. بۇ سەيلىگاھلار ھاياھەتچىلەرنى تاغ- ئېدىر، دەريا-ئېقىن، ئىپتىدائىي ئورمان، تاغ گۈللىرى، يايلاق تۇرمۇشى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 

تاڭبالى چوڭ جىلغا رايونىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، ئورمان ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى كۆپ، ھاۋاسى سوغۇق، گىياھ ئۈنمەيدۇ دەپ قارىلىدىغان ئېگىز قارلىق تاغلاردا تاز كۈنلىرى قار لەيلىسى ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

تاڭبالى مەنزىرە رايونىدا 113 ئېقىن - ساي بولۇپ، ھەربىر ساينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە. ھازىرچە ئىسمى ئاتىلىپ كىلىۋاتقان جىرىنتاي چۆكۈندى تاغ جىنىسلىرى؛ بەرگەت، بولۇڭ، قاش بېشى ئارشاڭلىرى؛ ئېيىق ساي، كىچىك تاڭبالى ئورمان باغچىسى، ئاقتاش، چورما ۋە ئابرال يانار تېغى تاش جىنىسلىرى مۇشۇ ساي ئېقىنلىرىغا جايلاشقان.

قىش پەسلىدە بۇ جايدا قار قېلىن ياغقانلىقتىن، قاتناش راۋان ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ساياھەت قىلىشقا بۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#