ئۆي سىرتى ئاتالغۇلىرى

ئۆينىڭ سىرتقى قىسمى

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ ئۆي مەدەنىيىتىدە بىر پۈتۈن ئۆينىڭ سىرتقى قىسمىنىڭ ھەرقايسى بۆلىكىنى ئۆزىگە خاس ناملار بىلەن ئاتاش جەھەتتە بەلگىلىك نەمۇنە ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ ئۆي مەدەنىيىتىدە بىر پۈتۈن ئۆينىڭ سىرتقى قىسمىنىڭ ھەرقايسى بۆلىكىنى ئۆزىگە خاس ناملار بىلەن ئاتاش جەھەتتە بەلگىلىك نەمۇنە ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، خەلقىمىز ئۆزلىرى روياپقا چىقارغان ھەرقانداق بىر يېڭىلىقنىڭ ئۆزىگە ماس نامىنىمۇ قوشۇپ بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايقايمىز.

بۇ ھال خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ ئۆي مەدەنىيىتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، خەلقىمىز بىر پۈتۈن ئۆينىڭ تاشقى قىسمىنىڭ ھەرقايسى بۆلىكىنى يان تام، ئالدى تام، ئارقا تام، ئۆگزە، ئايۋان، دەھلىز، تۈڭلۈك، گەرنىز ۋە سەرقەلەم دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن.

يان تام سېلىنغان ئومۇمىي ئۆينىڭ ئىككى چەتتىكى تاملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئالدى تام سېلىنغان ئومۇمىي ئۆينىڭ ئالدى يەنى ئىشىك-دېرىزە ئورنىتىلغان تەرەپتىكى تاملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئارقا تام سېلىنغان ئومۇمىي ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدىكى تاملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئۆگزە سېلىنغان ئۆينىڭ ئۈستى يۈزى ۋە تۆپى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈز ئۆگزە، يانتۇ ئۆگزە، چېدىرچە ئۆگزە دېگەن تۈرلىرى بار. دىيارىمىزنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئاساسەن تۈز ھالەتتە يېپىلىش بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان.

 نىشاپ ئۆگزىدە يامغۇر سۈيى توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن قىلىنغان يانتۇلۇقتىن ئىبارەت.

 ئايۋان ئايۋاننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى پېشايۋان بولۇپ، ئاساسەن سېلىنغان ئومۇمىي ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە مۇئەييەن كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا تۈۋرۈك، خار، نەلىن، ۋاسا قاتارلىقلار بىلەن تۇرغۇزۇلۇپ، بورا، قومۇش، پاخال ۋە توپا بىلەن ئۈستى يېپىلىپ ياسىلىدىغان، مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرىغا ئىگە ئۆي بۆلىكىدىن ئىبارەت.

 دەھلىز بىر يۈرۈش سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سىرتقى ئىشىكى بىلەن باشقا ئۆي ئىشىكلىرى ئارىلىقىدىكى يېرىم كارىدورسىمان بوشلۇق بولۇپ، ياسىلىش تەرتىپى ئۆي بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن ئايۋانغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئايۋاندىن كەڭ بولىدۇ.

 تۈڭلۈك كۈن نۇرى چۈشۈش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى ئۆينىڭ ئىشىكىگە يېقىن ئارىلىقىغا چىقىرىلىپ ئوچۇق قالدۇرۇلىدىغان ھاۋا ئالماشتۇرغۇچى ئورۇن بولۇپ، تۈڭلۈكنىڭ ياتما تۈڭلۈك ۋە يانتۇ تۈڭلۈك دېگەن تۈرلىرى بار. تۈڭلۈكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، تۈڭلۈكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ تىك، يانتۇلۇقى ۋە چۈشكەن تەرىپىگە قاراپ ۋاقىتنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.

 ھاۋادان ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆي تېمىنىڭ تورۇسقا يېقىن يېرىدىن قويۇلغان ھاۋا تۆشۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

 گەرنىز سېلىنغان ئومۇمىي ئۆينىڭ ئالدى، ئارقا ۋە يان تاملىرىنى كۆركەملەشتۈرۈش ۋە ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ زىننەتلىك تۈسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈز، تىك ھالەتتە چوپكەز قويۇش ئارقىلىق مۇئەييەن ئۆلچەمدە چىقىرىلىدىغان گورىزونتال ۋە تىك ھالەتتىكى گىرۋەكتىن ئىبارەت.

 سەرقەلەم ئۆينىڭ ئالدى، ئارقا ۋە يان تاملىرىنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىق كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئۆينىڭ ئالدى، ئارقا ۋە يان تاملىرىنىڭ ئۈستى قىسمىغا چىقىرىلغان گىرۋەكتىن ئىبارەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#