داۋوس مۇنبىرى

ئىقتىساد مۇنبىرى

 داۋوس مۇنبىرى شىۋىتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىقتىساد دوكتۇرى كلاۋۇس 1971-يىلى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان ، دۇنيادىكى ئەللەر ئارىسىدا گۈللىنىش ۋە باراۋەر مەنپەئەتلىنىش، بىخەتەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇشنى ئاساس نىشان قىلغان دۇنياۋى ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ دەسلەپتە پەقەت ياۋروپا ئەللىرىلا قاتناشقان، 1986-يىلىدىن باشلاپ داۋوس مۇنبىرىنىڭ نامى دۇنيا ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى دەپ ئۆزگەرتىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتنىشىدىغان بولغان. 

ئۇيغۇرچە نامى داۋوس مۇنبىرى
ئىنگىلىزچە نامى Davos Forums
خاراكتىرى ئىقتىساد مۇنبىرى
خەنزۇچە نامى 达沃斯论坛
باشقا نامى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داۋۇس مۇنبىرىداۋوس مۇنبىرى شىۋىتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىقتىساد دوكتۇرى كلاۋۇس 1971-يىلى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان ، دۇنيادىكى ئەللەر ئارىسىدا گۈللىنىش ۋە باراۋەر مەنپەئەتلىنىش، بىخەتەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇشنى ئاساس نىشان قىلغان دۇنياۋى ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ دەسلەپتە پەقەت ياۋروپا ئەللىرىلا قاتناشقان، داۋوس مۇنبىرىمۇ ياۋروپا ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى دەپ ئاتالغان، 1986-يىلىدىن باشلاپ داۋوس مۇنبىرىنىڭ نامى دۇنيا ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى دەپ ئۆزگەرتىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتنىشىدىغان بولغان. 

   دۇنيا ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى دائىم كىچىك بازار داۋوستا ئۆتكۈلىدىغانلىقتىن داۋوس مۇنبىرى دەپ نام ئالغان، يىغىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ يەنىلا داۋوس مۇنبىرى دەپ ئاتىلىۋېرىدۇ. داۋوس مۇنبىرى ئەمەلىيەتتە داۋوستا ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مەسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھەر يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 3مىڭغا يېقىن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىرى، دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ لىدىرلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ ھەممەيلەن باراۋەر ھالدا دۇنيا ئىقتىسادى يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ، پىكىر تەكلىپ بېرىشىدۇ.

    داۋوس مۇنبىرى يىغىنى مەزگىلىدە يىغىن ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، پىرىزدېنتلار ئۆزىنى ماتېرىيالىنى ئۆزى ئېلىپ، ئۆزى چاي قۇيۇپ ئىچىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئورۇندا خالىغانچە ئولتۇرۇپ، پىكىرلىشىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ھەر قانچە داڭلىق بولسىمۇ كېچىكىپ قالغان بولسا قىستىلىپ تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. 

   داۋوس شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گېرابۇندېن كانتونىدىكى گېرمان تىلى رايونىغا تەۋە، ئاۋستىرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان كىچىك بىر بازار بولۇپ ئاھالىسى ئارانلا 13مىڭ بولسىمۇ ھە ريىلى دۇنيانىڭ جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان قار-مۇز تېيىلىش ساياھەتچىلىرى بىر مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ . داۋوس كىچىك بازار بولسىمۇ داۋوس مۇنبىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. داۋوس دېڭىز يۈزىدىن 1500مېتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ ئالپىس تاغ تىزمىسى بويىچە ئەڭ ئىگىزلىكتىكى بازار ، بازارنىڭ يېنىدىكى داۋوس كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يەنە كېلىپ جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى قامال قىلغانلىقتىن، جىلغىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭلار توختىماي ئىسسىقلىق تارقاتقانلىقتىن داۋوس ھاۋاسى ساپ، بوران چاپقۇن يوق، قىشلىق ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن10 سېلسىيە ئەتراپىدا، يازلىق يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 15 سېلسىيە ئەترپىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ شىۋىتسارىيەنىڭ بىتەرەپ دۆلەتلىك ئەندىزىسى ۋە زامانىۋىلاشقان ساياھەت ئەسلىھەلىرى، مۇكەممەل مۇلازىمىتىى بولغاچقا داۋوس دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل، سۈپەتلىك، داڭلىق قار-مۇز تېيىلىش، ئارشاڭغا چۆمۈلۈش، ساياھەت قىلىش ئىسىل ئارامگاھىغا ئايلانغان. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#