مونتاژلىق سەنئىتى

مونتاژلىق سەنئىتى

مونتاژلىق ئادەتتىكى ئىستېمال تىلى بىلەن ئېيتقاندا فىلىمنى كېسىپ ئۇلاشتۇر.

ئۇيغۇرچە نامى مونتاژلىق سەنئىتى
خەنزۇچە نامى 剪辑艺术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونتاژلىق سەنئىتىمونتاژلىق ئادەتتىكى ئىستېمال تىلى بىلەن ئېيتقاندا فىلىمنى كېسىپ ئۇلاشتۇر. چۈنكى فىلىم كۆرىنىشلىرى بىر يولىلا سۈرەتكە ئېلىنمايدۇ، پارچە-پارچە ۋە ھەر خىل تاللاشتىكى كۆرىنىشلەر ئىچىدىن كېرەكلىكلىرىنى تاللاپ، بىربىرىگە ئۇلاپ قۇراشتۇرۇش مونتاژلىق مەشغۇلاتى دائىرىسىگە كىرىدۇ. كىنو مونتاژلىقى (Film cutting) بولسا مەلۇم ئىدىيە ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان تاق كۆرىنىش (shot) ھەمدە شۇ كۆرىنىشنى تەشكىللىگەن مەيداننى (scene) ئۇلاش ئارقىلىق مۇئەييەن مەزمۇننى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانى.

مونتاژلىق سەنئىتىمونتاژلىق (cutting) كىنو سەنئىتى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، تېخنىكىلىق قىيىنلىق سالمىقى كۈچلۈك ئىدى، ئەمما ھازىرقى زاماندىكى مونتاژلىق(Film editing) تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مونتاژلىق ۋە تەھرىرلىكتىكى خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئاسانلاشتۇرغان، سۈپەتنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. كومپيۇتېرنىڭ فىلىم ئىشلەشكە ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقلىقى ئەپچىللىكى مونتاژلىقتىمۇ گەۋدىلىك بولغان. دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مونتاژلىق، بىر بۆلەك فىليۇنكىنى پارچە-پارچە كېسىپ يۇيۇپ چىقارغاندىن كېيىن ئۇلاش ئارقىلىق مەقسەتكە يېتەتتى. كىنو سەنئەتكە ئايلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مونتاژلىق خىزمىتى ئوپىراتورنىڭ زىممىسىدىكى جاپالىق خىزمەت ئىدى، كېيىن فىلىم ئىشلەشنىڭ چوڭ سانائەتكە ئايلىنىشى ۋە كۆلەملىشىشى نەتىجىسىدە كىنونىڭ رېژىسورلۇق، ئوپىراتورلۇق، ئارتىسلىق، يۇيۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خىزمەت تەقسىماتلىرى بولدى. كومپيۇتېرنىڭ مونتاژلىققا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق يېڭىلىق ئېلىپ كېلىشى بىلەن بۇ خىزمەت ھالقىلىرىدىكى ئۈنۈمنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە قىلغان.

كىنودىكى ئەڭ كىچىك بىرلىك كۆرىنىش بولىدۇ. كۆرىنىش بىلەن كۆرىنىشنىڭ ئۇلىنىشىدىن مونتاژلىق جۈملە شەكىللىنىدۇ. كۆرىنىش، بىر خىل مەنە ئىپادىلەش بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

يالغۇز كۆرىنىش ئۆزى بىر مەنىگە ئىگە.

يالغۇز كۆرىنىش، كۆرىنىش مەزمۇنىنىڭ مەنىسىنى بىۋاستە ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بىر ئوبيېكتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئۇسۇلى، شەكلى، رەڭگى، ھالىتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە بىر ئوبيېكتنىڭ ھەرىكەت شەكلى، بېرىش كېلىش ھەرىكىتى، ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى قاتارلىقلارنى، يەنە جىسىم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، كۆپ جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ھالەت ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

كۆرىنىش بىلەن كۆرىنىش ئۇلىنىپ، مۇكەممەل جۈملە ھاسىل قىلىپ، ئالاھىدە مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

بىر قانچە كۆرىنىش بىرلەشتۈرۈلسە، ھەربىر كۆرىنىش ئۆز مەنىسىنى ئىپادىلىگەندىن تاشقىرى، كۆرىنىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى زەربە، كۆرىنىش سىرتىدىكى ئىدىيىۋى مەنىنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرەر كۆرىنىش، ئوخشىمىغان كۆرىنىش بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا، ئۇ ئىپادىلىگەن مەنە باشقىچە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆسمۈر بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باغچىدىكى تار يولدا كېتىۋاتىدۇ، ئاندىن بۇنىڭغا گۈل سۇپىسى ئۇلىنىدۇ. بۇ ئىككى كۆرىنىش ئۇلانغاندىن كېيىن كىشىلەر بالىلار ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى دېگەن مەنىنى روشەن ھېس قىلىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۆسمۈر بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باغچىدىكى تار يولدا كېتىۋاتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا گۈللەرنىڭ سۇغۇرىلىۋاتقان كۆرىنىشى ئۇلانغاندىن كېيىن، روشەنكى ئەمدى بالىلار ئىپادىلەنمەي، جاپاكەش باغۋەنگە مەدىھيە ئوقۇلغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

كۆرىنىشلەرنىڭ ئۇلىنىش رېتىمى ئوخشاش بولمىسا، ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 

بىر نەچچە يالغۇز كۆرىنىشنى ئوخشىمىغان رەت تەرتىپى بويىچە ئۇلىساق، ئىپادىلىگەن مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەتتا قارمۇ- قارشى مەنىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، بىر ھاياجانلانغان يۈز، قولىدا سالام خەت تۇتقان پېتى تەسۋىرى كۆرىنىش، قاشلىرى تۈرۈلگەن يۈز. بۇ مونتاژلىق جۈملىسى كۆرۈرمەنلەرگە بۇ خەتنىڭ يامان بىر خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىگىنى، باش قەھرىماننىڭ ھەسرەت-نادامەتكە چۆمگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە مەسىلەن، قاشلىرى تۈرۈلگەن يۈز، قولىدا سالام خەت تۇتقان پېتى تەسۋىرى كۆرۈنۈش، ھاياجانلانغان يۈز. بۇ ئۈچ كۆرۈنۈش ئالدىنقى ئۈچ كۆرۈنۈش بىلەن ئوخشاش ، پەقەت ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەن. تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر بۇنىڭدىن، بۇ خەتنىڭ بىر خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىگىنى، ئادەمنى ھاياجان ۋە خۇشاللىققا چۆمۈلدۈرگەنلىگىنى بىلىۋالىدۇ. كۆرىنىشنىڭ ئۇلىنىشىدا كىنودىكى بارلىق كۆرىنىشلەر  ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى، مۇقىم كۆرىنىش، يەنە بىر خىلى ھەركەتچان كۆرىنىش. مۇقىم كۆرىنىش دېگىنىمىز، كامېرا، كامېرانىڭ ئورنى، كامېرانىڭ فوكۇس ئارلىقىدا ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا تارتىلغان كۆرىنىشلەرگە قارىتىلىدۇ. كۆرىنىشتىكى ئاساسى بۆلەك جىم تۇرغان ياكى ھەرىكەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. ھەرىكەتچان كۆرىنىش دېگىنىمىز، كامېرا، كامېرانىڭ ئورنى، كامېرانىڭ فوكۇس ئارلىقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ تارتىلغان كۆرىنىشلەرگە قارىتىلىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى: ئىتتىرىش، تارتىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، يۆتكەش، يۇقىرى چىقىرىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تېز ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئىز قوغلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كۆرىنىشنى ئۇلاش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئىسمىغا ئاساسەن پىكىر قىلىپ، كۆرىنىشنى ئۇلاش نۇقتىسىنى، تارتقان كۆرىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويۇش كېرەك. بۇ مۇقىم كۆرىنىشمۇ؟ ياكى ھەرىكەتچان كۆرىنىشمۇ؟ قانداق شەكىلدىكى ھەرىكەتچان كۆرىنىش؟ مەسىلەن، بىز دائىم كۆرىدىغان مەنزىرە، كوچا، بىنالار، سەھرا، دالادىكى زاۋۇت بىناسى قاتارلىقلار. بۇ خىل كۆرىنىشلەردە ئاساسىي بۆلەكنىڭ ھەرىكىتى ئاساس قىلىنمايدۇ. كېسىپ ئۇلىغاندا، كۆرىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، مۇۋاپىق كېسىپ، ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش لازىم.

1. بىر گۇرۇپپا مۇقىم كۆرىنىشلەرنى ئۇلىغاندا، مەلۇم بىردەكلىكنى تېپىش كېرەك، ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، بىر گۇرۇپپا مۇقىم كۆرىنىش مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تار مەنىدىمۇ، كەڭ مەنىدىمۇ چۈشەنسە بولىدۇ. ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت نۇقتىسىنى ئىجادىيەتچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

2. كۆرىنىشتىكى جىمجىت (ياكى نىسپىي جىمجىت) جىسىملارنىڭ مۇھىم كۆرىنىشىنى ئۇلاش ئارقىلىق، كۆرىنىش ئۇزۇنلىقىنىڭ بىردەكلىكىگە ئېرىشىش. كۆرىنىش ئۇزۇنلۇقى بىردەك بولغان مۇقىم كۆرىنىشلەرنى داۋاملىق ئۇلىغاندا كېسىپ ئۇلاشنىڭ ئۆزى مۇقىم كۆرىنىشتە ھەرىكەت ۋە سەكرەش سېزىمى پەيدا قىلىپ، روشەن رېتىم ئۈنۈمى ۋە قاپىيە ئۈنۈمى پەيدا بولىدۇ.

3. كۆرىنىش ئىچىدىكى ھەرىكەتچان جىسىمنىڭ مۇقىم كۆرىنىشنى داۋاملىق ئۇلىغاندا، ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ۋاقتىنى ياكى مۇكەممەل ھەرىكەت جەريانىنى تاللاش كېرەك.

1. ئاساسى بۆلەك ۋە ھەرىكەت شەكلى ئوخشىمايدىغان كۆرىنىشلەرنى ئۇلىغان جايدىكى باشلىنىش ۋە ئاياغلىشىش قىسمىنى چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئاساسىي بۆلەك ئوخشىمايدىغان دېگىنىمىز، بىرقانچە ھەرىكەت كۆرۈنىشىدە تارتىلغان مەزمۇننىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ھەرىكەت شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى دېگەنلىك. بۇ ئىتتىرىش، تارتىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، يۆتكەش، يۇقىرى چىقىرىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تېز ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئىز قوغلاش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەت شەكىللىرىگە قارىتىلغان.

2. ئاساسىي بۆلەك ئوخشىمايدىغان ھەرىكەت شەكلى، ئوخشىشىدىغان كۆرىنىشلەرنى ئۇلىغاندا، كۆرىنىشلەرنى ئۇلانغان جايدىكى باشلىنىش ۋە ئاياغلىشىش قىسمىنى ئېلىش-ئالماسلىقنى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك. مۇقىم كۆرىنىش بىلەن ھەرىكەتچان كۆرىنىشنى ئۇلاش ئارقىلىق جىمجىت ھالەتتىكى ئوبىكتىنى ئىپادىلىگەندە، مۇقىم كۆرىنىش بىلەن ھەرىكەتچان كۆرىنىشىنى ئۇلاپ، ئۇلىغان جايدىكى باشلىنىش ئاياغلىشىش قىسمىنى قىسقا ۋاقىت قالدۇرۇش كېرەك. ئۆز- ئارا ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەندە، مۇقىم كۆرىنىش بىلەن ھەرىكەتچان كۆرىنىشنى ئۇلاشتا، ئاخىرىلىشىش، ئاياغلىشىش قىسمىنى ئېلىش- ئالماسلىقىنى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#