ئاسمان شارى تەلىماتى

ئاسمان شارى تەلىماتى قەدىمكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر خىل تەلىماتى. قەدىمكى خەنزۇلارنىڭ پەقەت كۆز بىلەن كۆزىتىش ئاساسىدا، مول تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان تەلىمات. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاسمان شارى تەلىماتى
ئاساسلىق مەزمۇنى يەر شارى خۇددى تۇخۇم سېرىقى تۇخۇم ئىچىدىكىگە ئوخشاش
ئاسترونومىيە ئەسۋابى ئاسمان جىسىملىرى گلوبۇسى ۋە ئاسمان گلوبۇسى
خەنزۇچە نامى 浑天说
كىلىپ چىقىشى ئۇرۇش دەۋرى
رايون جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسمان شارى تەلىماتىدا ئاسمان « بىر پۈتۈن شار بولۇپ، يىرىمى يەر ئۈستىدە، يىرىمى يەر ئاستىدا، كۈن، ئاي ۋە يولتۇزلار ئاسمان شارىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بەزىدە ئۇلار ئايلىنىپ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆرگىلى بولمايدۇ » دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خۇددى تۇخۇم سېرىقى تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاندەك، يەر شارىمۇ يۇمىلاق شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان » دەپ قارىلىدۇ. ئاسمان شارى تەلىماتىدا دەسلەپتە « يەر شارى سۈ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ » دەپ قارالغان، بۇ تەلىمات كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ ، يەر شارى ھاۋادا لەيلەپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارالغان، مانا بۇ « يەر تۆت تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ » دېگەن ئاددى يەر ھەرىكەت تەلىماتىنىڭ باشلانمىسىدۇر.

ئاسمان شارى تەلىماتىدا يەر - زېمىننىڭ شەكلى توغرىسىدا توغرا تونۇش ھاسىل قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئاسترونومىيە تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بۇ تەلىمات ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئاسترونومىيە ئەسۋابلىرىنىڭ ياسىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. جاڭ خېڭ ياسىغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ئەسۋابى دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسۋابنى ئۆزىنىڭ ئاسمان شارى تەلىماتىنى شەرھلەش ئۈچۈن ياسىغان، جاڭ خېڭ بۇ تەلىمات ئارقىلىق بەزى تەبىئەت ھادىسلىرى توغرىسىدا توغرا چۈشەنچە بەرگەن، مەسىلەن، ئاي نۇرى بولسا كۈن نۈرىنى قايتۇرغاندا چىققان يورۇقلۇق ئاي تۇتۇلۇش - ئاي شارى يەر شارىنىڭ سايىسىگە كىرگەندە پەيدا بولىدۇ قاتارلىقلار.

 ئالەم تەلىماتىدا ئاسماندىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا تارقالغان، بۇ ھازىرقى زامان ئاسترونومىيەدىكى ئالەم ئۇقۇمىغا ئىنتايىن يېقىن. ئالەم تەلىماتىدا شار يۈزى، كوردىنات سىستېمىسى، ئېكۋاتور كوئوردىنات سىستېمىسى ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنى، ئاسمان ھەرىكىتى ئۆلچىنىدۇ. 

ئاسمان شارى تەلىماتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەرھال ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىنىڭ ئورنىنى ئالالمىدى، ئەكسىچە، تالاش - تارتىشلار توختىمىدى. لېكىن، ئالەم قۇرۇلمىسىغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە، ئاسمان شارى تەلىماتى روشەنكى، ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتىغا قارىغاندا كۆپ تەرەققىي قىلغان، ئالەم ھادىسىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاسمان شارى تەلىماتىدا ئىككى چوڭ ئەڭگۈشتەر بار ئىدى : بىرى، ئەينى چاغدا ئاسماننى كۆزىتىشتە ئەڭ ئىلغار سانىلىدىغان ئەسۋاب − ئاسمان جىسىملىرى گلوبۇسى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاسمان جىسىملىرىنى ئېنىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە بىرى، ئاسمان گلوبۇسى بولۇپ، ئۇ ئوبرازلىق ھالدا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئاسمان شارى ھەققىدىكى ئاجايىپ يېڭى ئىدىيەگە باشلايدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاسمان شارى تەلىماتى نىسبەتەن ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولغان.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#