ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر

ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك - كۈمۈشئۆرۈك

تەبىئەت دۇنياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۆسىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر
خەنزۇچە نامى 稀有植物

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك كۈمۈشئۆرۈكتەبىئەت دۇنياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۆسىدۇ. شەھەر، يېزىلاردا ياكى بۇتخانىلاردا بىز ئۇچىرىتىدىغان بەزى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، گىنكو (كۈمۈشئۆرۈك)، مىتاساكوۋىيە قاتارلىقلارنىمۇ كىشىلەر يۆتكەپ تېرىغان ياكى كۆچۈرۈپ ئۆستۈرگەن. ئۇ جايلاردا بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى پۈتۈنلەي يوق دېيىشكە بولىدۇ. 

ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك كۈمۈشئۆرۈك تاغلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئېگىز تاغلارنىڭ توسۇۋېلىشى تۈپەيلىدىن، تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلمەي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، نەتىجىدە جىلغا-جىرالارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تاغنىڭ سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرىراق بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، تاغلىق رايونلاردا، ئېگىزلىكى 1000 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە كېلىدىغان بىر تاغنىڭ تاغ ئۈستى بىلەن تاغ ئاستىنىڭ ۋېرتىكال تېمپېراتۇرا پەرقى بەش-ئالتە سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان يان باغىرلار ئارىسىدىكى تاغ باغرىلىرىنىڭ بىرلىك يۈزى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئوخشاشمايدۇ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ، يامغۇر مىقدارى تەكشىسىز بولغان جايلاردا، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىمۇ ئالاھىدە تېز بولىدۇ.

ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك كۈمۈشئۆرۈك بۇنىڭدىن تەخمىنەن 30 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا كۆپ قېتىم مۇزلۇقلار ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، شىمالىي قۇتۇپتىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن مۇزلۇقلار نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى بېسىۋېلىش بىلەن، تۈزلەڭلىكلەردىكى ئۆسۈملۈكلەر يوقىلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىغان. تاغلىق رايونلاردا، ئېگىز تاغلارنىڭ مۇزلۇقلارنىڭ جەنۇبقا سىلجىشىنى توسۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئىچىكىرى تاغلاردىكى ئۆسۈملۈكلەر بەختكە يارىشا ساقلىنىپ قالغان، بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان.

ئىچكىرى تاغلاردا قاتناش قۇلايسىز بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ئازراق بولىدۇ، شۇڭا، بۇ جايلاردا ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان كېسىش ئەھۋالى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ساقلىنىپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك ئامىللار، بولۇپمۇ ھاۋارايى، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك، ئادەملەرنىڭ بىر نىيەتتە بولۇشى قاتارلىقلار تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپ بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#