شاقاقۇل

شاقاقۇل

شاقاقۇل گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شاقاقۇل
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玉竹
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاقاقۇلشاقاقۇل گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى گۆشلۈك كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاقۇچ، قوڭغۇراق شەكلىدە، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا قارىيىدۇ.

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە قۇيۇلدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى تازىلاش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

شاقاقۇل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

شاقاقۇل ئۆسۈملۈكى پىشقاندا، يىلتىزسىمان غولىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

شاقاقۇلشاقاقۇلنى ھەسەل بىلەن مۇراببا قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى ۋە مەنىي ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

شاقاقۇلنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، سۈت بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈت كۆپەيتىدۇ. 

شاقاقۇلنى قايناق سۇغا چىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىئابېت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

شاقاقۇلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈت ئازلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download3

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#