جانانە ئۆرۈك

جانانە ئۆرۈك
جانانە ئۆرۈك سورتى شىنجاڭ رايونىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى ۋە پىچان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. 4-5-ئايلاردا چېچەكلەپ 6-7-ئايلاردا مېۋىسى پىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جانانە ئۆرۈك
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى جانانە ئۆرۈك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 紫杏
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Armeniaca dasycarpa (Ehrh.) Borkh.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇپۇرمىقى 

جانانە ئۆرۈكىنىڭ دەرىخى كىچىك بولۇپ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر ؛ كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە، سىلىق ، تۈكسىز ، بېغىر رەڭ . ئېللىپس شەكىللىك تۇخۇمسىمان يوپۇرماق شەكلىدە ئۆسىدۇ ، يۇپۇرماق ئۇزۇنلۇقى 4-7 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ،  ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق ، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك يۇمىلاق يېقىن ، يۇپۇرماق قىرلىرى كىچىك ھەرە چىشلىق يوپۇرماقلىق شەكلىدە زىچ ئۆسكەن، ئۇستى تەرىپى تۈكسىز، قارامتۇل يېشىل.يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ ؛ يوپۇرماق ساپىقى نازۇك . 

چېچىكى 

چېچەك گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ ، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر ، گۈل سېپى ئۇزۇن ، ئىنچىكە ، قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ . گۈل كاسىسى قىزىل رەڭلىك ئېچىپ ، كاسا نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ ؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى يۇمىلاقراق ياكى ئۇچى يۇمىلاق ۋە ياكى دىقماق شەكىلدە ؛ گۈل بەرگىسى كەڭلىكى تۇخۇم شەكىللىك ياكى قوشۇق شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 10 مىللىمېتىر ، ئاق ياكى ھال رەڭلەردە بولىدۇ ؛ 

مېۋە شەكلى 

 مېۋىسى يۇمۇلاق ، دىئامىتىرى تەخمىنەن 3 مىللىمېتىر ، تۇتۇق بىنەپشە رەڭ ، سىرتىدا قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ ، تەمى تاتلىقراق،  مېۋە ئېتى بىلەن مېغىزى چاپلاقلىق ھالەتتە ؛ مېۋە ساپىقى ئۇزۇن 7-12 مىللىمېتىر، مېغىزى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تۇخۇمسىمان، ئۇچى ئۇچلۇق ، ئىككى يېنى ياپىلاق. 4-5-ئايلاردا چېچەكلەپ 6-7-ئايلاردا مېۋىسى پىشىدۇ.

جانانە ئۆرۈك سورتى شىنجاڭ رايونىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى ۋە پىچان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ . ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بەزى دۆلەتلەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ، كەشمىر رايونى ۋە ئىران قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن تۈرى بار، كاۋكاز ۋە ئوكرائىنا قاتارلىق جايلاردا  ئاز مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#