كاپىتال

ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كاپىتال ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ، بىر بۆلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى، ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كاپىتال
چەتئەلچە نامى capital
خەنزۇچە نامى 资 本

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەزىلەر بىر ئادەمنىڭ قولىدا پۇل كۆپ بولسىلا، بۇ ئادەمنىڭ كاپىتالى كۆپكەن دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پۇلنىڭ ئۆزى كاپىتال ئەمەس. پۇل مۇئەييەن شارائىتتىلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ. پۇلنىڭ تاۋار ئوبوروتىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنىشى بىلەن پۇلنىڭ كاپىتال قىلىنىشىدىكى ھەرىكەت شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئاددىي تاۋار ئوبوروتىدا، تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ساتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ئاۋۋال بازاردا پالتا سېتىپ، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پۇلىغا بۇغداي سېتىۋالىدۇ. بۇ يەردە پۇل تاۋار ئوبوروتىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئاددىي تاۋار ئوبوروتىنىڭ فورمۇلىسى: تاۋار(W) -پۇل(G) -تاۋار (W) بولىدۇ. كاپىتال ئوبوروتىدا، ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇ چاغدا، پۇل ئىگىسى ئاۋۋال تاۋار سېتىۋالىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئارقىلىق، يەنە تاۋار سېتىپ چىقىرىدۇ ھەم يېڭىۋاشتىن پۇلغا ئىگە بولىدۇ. بۇ يەردە تاۋار − ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. بۇ فورمۇلا بىلەن: پۇل(G) -تاۋار(W) -پۇل(G) بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر پۇل ئىگىسى 10 مىڭ يۈەنگە تاۋار سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن يەنە سېتىپ چىقىرىپ، يەنىلا 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشسە، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاۋارنى سېتىپ چىقىرىپ ئېرىشكەن پۇل ئەسلىدىكى تاۋار سېتىۋالغاندا سەرپ قىلغان پۇلدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بۇ جەرياندىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۇلنىڭ قىممىتى ئېشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ماركس بۇنداق ئاشقان قىممەتنى قوشۇمچە قىممەت، دەپ ئاتىغان. پۇل مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن كاپىتالغا ئايلىنىدۇ. 

ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كاپىتال ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ، بىر بۆلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى، ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قىممىتىنى پەقەت يېڭى مەھسۇلاتقا كۆچۈرىدۇ، شۇڭا قىممەت مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىپ يارىتىلغان يېڭى قىممەت ئەمگەك كۈچىنى سېتىۋالغان چاغدىكى سەرپ قىلىنغان قىممەتتىن چوڭ بولىدۇ، يەنى ئۇ قوشۇمچە قىممەت يارىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن كاپىتال ئۆزگەرمەس كاپىتال، ئەمگەك كۈچىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن كاپىتال بولسا ئۆزگىرىشچان كاپىتال، دېيىلىدۇ. 

كاپىتال قىممىتىنىڭ ئېشىشى ھەرىكەت داۋامىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. كاپىتال پۇل شەكلىدە ھەرىكەتنى باشلاپ، ئاخىرىدا يەنە پۇل شەكلىدە قايتىپ كېلىشتىن ئىبارەت پۈتكۈل جەريان كاپىتالنىڭ ئايلىنىشى، دېيىلىدۇ.ئايلىنىش جەريانىدا، كاپىتال تەرتىپ بويىچە، پۇل كاپىتالى، ئىشلەپچىقىرىش كاپىتالى، تاۋار كاپىتالىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلنى قوللىنىدۇ.

 كاپىتالنىڭ توختىماستىن دەۋرىيلىك ئايلىنىشى كاپىتالنىڭ ئوبوروتى، دېيىلىدۇ. كاپىتالنىڭ ئوبوروت شەكلى ئوخشىمىغاچقا، كاپىتال تۇراقلىق كاپىتال ۋە تۇراقسىز كاپىتالغا ئايرىلىدۇ. كاپىتالنىڭ ئوبوروتىنى تېزلەتكەندە، كاپىتال قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. 

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كاپىتال سانائەت كاپىتالى، سودا كاپىتالى، قەرز كاپىتالى قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى قوشۇمچە قىممەتنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#