ئېگىزگە سەكرەش

ئېگىزگە سەكرەش

ئېگىزگە سەكرەش ئىنسانلارنىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا ئېگىزگە سەكرەش چەۋەندازلار چوقۇم تەربىيىلىنىشكە تېگىشلىك ئىقتىدار بولغان. 1864-يىلى ئېگىزگە سەكرەش رەسمىي تۈر سۈپىتىدە يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېگىزگە سەكرەش
خەنزۇچە نامى 跳高

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېگىزگە سەكرەش1864-يىلى ئەنگلىيىلىك كىرچى «ئاتلاپ ئۆتۈش شەكلى» دە70.1 مېتىرلىق ئېگىزلىكتىن ئۆتكەن. كېيىن فرانسىيىلىك موننات «قايچىلاش شەكلى» دە سەكرەش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، سەكرەش تېخنىكىسىنى يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلدۇرغان. 1908-يىلى ئامېرىكىلىق بۇت تۇنجى بولۇپ قايچىلاش شەكلىدە سەكرەپ ئىككى مېتىرلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن. 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئامېرىكىلىق رايلىنگ ئالدى بىلەن «دومىلىما شەكلى» دە ئېگىزگە سەكرەشنى ئىجاد قىلغان ھەمدە بۇ خىل قىياپەتتە01.2 مېتىردىن ئۆتكەن. دومىلىما شەكىلدە ئېگىزگە سەكرەشتىن كېيىن يەنە «دۈم ھالەت» تە ئېگىزگە سەكرەش كېلىپ چىقىپ، 1936-يىلى ئەنگلىيىلىك ئورىبولدۇن ئالدى بىلەن بۇ خىل ئۇسۇلدا07.2 مېتىردىن سەكرەپ ئۆتكەن. 1970-يىل8-ئاينىڭ11-كۈنى ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىسى نى جىچىن خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە29.2 مېتىرلىق ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، يەتتە يىل سۈكۈتتە قالغان ئەرلەرنىڭ ئېگىزگە سەكرەش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، قوللانغان تېخنىكىسى «دۈم ھالەت» تە سەكرەش بولغان. 1968-يىلىدىكى19-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى فوسبېل يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان» دومبىچىلەپ ئۆتۈش «تېخنىكىسى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئېگىزگە سەكرەش ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن، بۇ خىل غەلىتە قىياپەت پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان. ھازىرغىچە «دومبىچىلەپ ئۆتۈش» كە تاقابىل تۇرغۇدەك باشقا قىياپەت بارلىققا كەلمىدى.

ئېگىزگە سەكرەشئېلىمىزنىڭ ئېگىزگە سەكرەش ھەرىكىتىدە ئۈچ قېتىم يۇقىرى پەللە كۆرۈلگەن. بىرىنچى قېتىمقىسى1957-يىل11-ئاينىڭ7-كۈنى ئايال ماھىر جېڭ فېڭرۇڭ قايچىلاش ھالىتىدە77.1 مېتىردىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىلىق مايكدېننىر ساقلاپ كەلگەن76.1 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزغىنى بولۇپ، بۇ تارىختىن بۇيانقى جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم يېنىك ئاتلېتىكىدا رېكورت يارىتىشىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىنكى10 يىل ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ ئايال ماھىرلىرى ئېگىزگە سەكرەش ھەرىكىتىدە دۇنيادا ئىلغار سەۋىيىنى ساقلاپ قالغان. جېڭ فېڭرۇڭدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ بەش ئايال ماھىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى10 نامزات ئىچىگە كىرگەن. ئىككىنچى قېتىمقىسى1970-يىلىنى جىچىننىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشى. ئۈچىنچى قېتىمقىسى1983-يىل6-ئايدىن1984-يىل6-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىكى جۇ جەنخۇانىڭ37.2 مېتىر، 38.2 مېتىر ۋە39.2 مېتىرلاردىن ئۆتۈپ ئۈچ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشىدۇر.

ھازىر دۇنيادا ئېگىزگە سەكرەش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، نەتىجىسى40.2 مېتىر ئەتراپىدا بولغان تەنھەرىكەتچىلەردىن شۋېتسىيىلىك شوبىلى، فېدېراتىۋ گېرمانىيىلىك تىلون خارتى ۋە موگېنبور، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق پاكلىن ۋە پوۋانتىسىن قاتارلىقلار بار. 1988-يىلى سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، كۇبالىق تومايور43.2 مېتىرلىق كىشىنى چۆچۈتكۈدەك نەتىجە بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە44.2 مېتىر ۋە45.2 مېتىرلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، ھازىرغىچە بۇ رېكورتنى ھېچكىم بۇزغىنى يوق.

ئاياللارنىڭ ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكىتى

ئاياللارنىڭ ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكىتى1928-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا كانادا تەنھەرىكەتچىسى كاتېرۋوئۇد59.1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. 60 نەچچە يىل مابەينىدە توغرا بالداق توپتوغرا50 سانتىمېتىر يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە09.2 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇلغارىيە تەنھەرىكەتچىسى كېستادېروۋا1987-يىل8-ئايدا رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياراتقان. مەملىكىتىمىزنىڭ رېكورتى97.1 مېتىر بولۇپ، 1989-يىل5-ئايدا لياۋنىڭلىق شىن شيۇجىڭ ياراتقان، بۇ نەتىجە ئاسىيانىڭمۇ يېڭى رېكورتىدۇر


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#