جى چۈنخۇا
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى.
جى چۈنخۇا كۆپىنچە سەلبىي روللارغا چىقىپ، رول ئېلىش ماھارىتىنى ياخشى نامايەن قىلغان.
ئەملىيەتتە جى چۈنخۇانىڭ گۇمپا ماھارىتى كىچىكىدىن باشلاپ يۇقىرى بولۇپ، جېجىياڭ ئۆلىكىسىدە چامباشلىق سارىيىدا ئىشلەپ، بىر قېتىملىق ئويۇن قويۇشتا باش قىسىمى ئېغىر يارلىنىپ ئۆمەكتىن چىقىپ كېتىدۇ.
جى چۈنخۇانىڭ تونۇشلۇق بولغان ۋەكىللىك فىلىملىرىدىن «قاپلان»، «شاۋلىن ئىبادەتخانىسى»، «سەككىز ئىلاھ»، «يەتتە قېلىچۋازنىڭ تەڭرىتېغىدىن چۈشىشى»، «ئالتۇن رومكا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بار. ئەڭ تونۇش كىنولىرىنىڭ بېرى «كىمخاپ توننى تالىشىش» بولۇپ، كۆپىنچە كىنولىرىدا لى لىيەنجې بىلەن تىرىكىشىپ چىقىدۇ، بۇنى ھەم ئۆزىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
1982-يىلى ئىشلەنگەن «شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى» فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن.
1993-يىلى ئىشلەنگەن «شىياۋلىن ئەزىمەتلىرى» فىلىمى بىلەن تاماشىبىنلار كۆڭلىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
2001-يىلى 5-ئايدا داڭلىق كىنو ئىشلىگۈچى جىياڭ شىنيى ئەپەندى يەنە بىر قېتىم بىلەن ھەمكارلىشىپ،
«شىياۋلىن گۇمپىسى» فىلىمىنى ئىشلىگەن.
2006-يىلدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى فىلىملىرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
2008-يىلى، لى رېن شىياڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، ليۇ دېخۇا ۋە لى مېي چى باشلامچى باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە ساۋ ساۋ قوشۇنىنىڭ سانغۇنى.
2014-يىلى، تىيەنچى جامائەت پاراۋانلىقى كىنو رېژىسسورلۇق قىلغان «زېمىن» دېگەن فىلىمدە تۇنجى قېتىم ئىجابىي رول رول ئالغان؛[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.