ماياكوۋېسكى

ماياكوۋېسكى

ماياكوۋېسكى يېزىدا تۇغۇلغان، دادىسى دېموكراتىك ئىدىيەگە ئىگە ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئىدى. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا ئۇ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەم 1908-يىلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تەشۋىقاتچى بولغان، ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەم شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماياكوۋېسكى
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1930-يىلى
ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى «لېنىن»، «ياخشى! »، «مەدھىيە»
خەنزۇچە ئىسمى 马雅可夫斯基
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىلى
كەسپى شائىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماياكوۋېسكىئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىسرالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە، بىر جۈملە بىرنەچچە مىسراغا بۆلۈنىدىغان، بەزىدە ھەتتا بىر سۆزمۇ بىرنەچچە مىسراغا بۆلۈنىدىغان، پەلەمپەيسىمان تىزىلىدىغان بىر خىل يېڭى، ئالاھىدە شېئىر شەكلى پەيدا بولدى. ئۇ ئىخچام، پۇختا بولۇپ، شېئىردىكى تىنىشنىڭ رولىنى گەۋدىلەندۈرەتتى، ئەڭ سالماقلىق سۆزلەرنى تەكىتلەيتتى؛ رىتىمى ئېنىق، جەسۇرانە، كۈچلۈك، دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئالاھىدە باب ئىدى. كىشىلەر بۇ شېئىرنى پەلەمپەيسىمان شېئىر دەپ ئاتاشتى. ئۇنىڭ ئىجادچىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ كۈيچىسى ماياكوۋېسكى (1893 − 1930-يىللار) ئىدى. 

ماياكوۋېسكى يېزىدا تۇغۇلغان، دادىسى دېموكراتىك ئىدىيەگە ئىگە ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئىدى. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا ئۇ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەم 1908-يىلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تەشۋىقاتچى بولغان، ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەم شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى كۈرەش قىزغىنلىقى بىلەن ئىنقىلابنى مەدھىيىلەيدىغان شېئىرى «مەدھىيە» نى يازغان. جاھانگىرلار ياش سوۋېتلەر جۇمھۇرىيىتىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەندە، ئۇ مەشھۇر شېئىرى «سولغا مارش» نى يېزىپ، خەلقنى قورال ئېلىپ، ئىشچى-دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە نۇرغۇن تەشۋىقى شېئىر ۋە سىياسىي ئىلھاملاندۇرۇش شېئىرلىرىنى يېزىپ، دۈشمەننى پاش قىلغان، ھەجۋىي قىلغان، زەربە بەرگەن، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەرگەن.

ماياكوۋېسكى 1924-يىلى لېنىن ۋاپات بولغان، ئۇ يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىسىدا «لېنىن» پوئېمىسىنى پۈتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ لېنىنغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا لېنىنىزمنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلغان ۋە قوغدىغان. 1927-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇ «ياخشى!» پوئېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆتكەن 10 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن، كوممۇنىزمنىڭ پارلاق مەنزىلىگە نەزەر سالغان. ماياكوۋېسكىرۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلى ۋە 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە نۇرغۇن ئېلان شېئىرلىرىنى، پلاكات شېئىرلىرىنى، ھەجۋىي شېئىرلارنى، ئىلھاملاندۇرۇش شېئىرلىرىنى، بالىلار شېئىرلىرىنى يازغان. بۇ شېئىرلارنىڭ ئىدىيەسى ئوچۇق، ھېسسىياتلىق، پىكرى يېڭى، شەكلى ئالاھىدە، كۆپىنچىسى دېكلاماتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#