بېرد
بېرد 1888-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. 1929-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە لىكلەر تېلېۋىزوردىن ئويۇن كۆرسىتىلىۋاتقان سۈرەتنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىدە چەكسىز ھاياجانغا چۆكۈپ، خەۋەرنى قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكۈزۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېلېۋىزورنى كەشىپ قىلغۇچى بېردنىڭ ھاياجاندىن ئىسسىق كۆز ياشلىرى ئاقتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېرد 1888-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولغاچقا، نەچچە قېتىم ئەزرائىلنىڭ قولىدىن قايتىپ كەلگەنىدى. ۋەھالەنكى، تېنىنىڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگەنىدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئېلېكتر شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ، شاللىۋېتىلگەن بىرنەچچە ماشىنىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ئوڭشاپ، شىركەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇ، رەھىمسىز كېسەل چىرمىۋالغاچقا، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، كېسىلىنى داۋالىتىدۇ. 1923-يىلىنىڭ بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭغا: «ماركونى يىراق ئارىلىقتىن رادىئو دولقۇنى ئۇزاتقان ۋە قوبۇل قىلغانىكەن، سۈرەتنىمۇ تارقىتىشقا بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ، بېرد بۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىلھام ئالىدۇ. بېرد «ئېلېكتر ئارقىلىق سۈرەت يوللاش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بار-يوق ئازغىنە مال-مۈلكىنى سېتىپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلايدۇ ۋە بارلىق ۋاقتىنى تېلېۋىزور تەتقىق قىلىپ ئىشلەشكە سەرپ قىلىدۇ. ئاخىرى، تېلېۋىزورنى لايىھىلەش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.
لايىھە چېرتيوژىنى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس، كىچىككىنە ئۆي ئۇنىڭ ھەم ياتىقى، ھەم ئىشخانىسى ئىدى. بېردنى كېسەل چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، ھەمىشە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇدا جەڭ قىلىدۇ. قورسىقى ئاچسا بولكا يەپ، ئۇيقۇسى كەلسە كىچىككىنە مۈگدىۋالىدۇ. تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، كونا شامالدۇرغۇچنىڭ ماتورى، كونا چاي ساندۇقى، كونا شىلەپە كۇرۇپكىسىنىڭ ئاغزى، پوپايكا زىخى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ.
بېرد ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق كۈرەش قىلىش ۋە سانسىز قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئاخىرى ئېلېكتر سىگنالىدىن پايدىلىنىپ ئادەمنىڭ ئوبرازىنى ئېكرانغا چىقىرىدۇ. 1928-يىلى، ئۇ قىسقا دولقۇن ئارقىلىق لوندون دىن نيۇيورك قا سۈرەت ئەۋەتىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى سۈرەتنى تۇنجى قېتىم ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 1929-يىلى، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى بېرد شىركىتىنىڭ ئاممىۋى رادىئو-تېلېۋىزىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. 30-يىللاردىن كېيىن، بېرد رەڭلىك تېلېۋىزور تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ ھەم مەلۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.