زەرەپشات تاجىك يېزىسى

زەرەپشات تاجىك يېزىسى

زەرەپشات تاجىك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 12.5 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى زەرەپشات تاجىك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 121.21 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 孜热甫夏提塔吉克族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 9309 ئادەم
باشقا نامى زەرەپشات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەرەپشات تاجىك يېزىسىزەرەپشات تاجىك يېزىسى يەكەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 12.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 121.21 كۋادرات كىلومېتىر. جەنۇبى كاچۇڭ يېزىسى، شەرقىي تەرىپى پوسكام ناھىيەسى قوشنا، شىمالىي ئاسلانباغ يېزىسى، ئودانلىق يېزىسىغا، غەرب تەرىپى ياقا ئېرىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ''57'1°76، شىمالىي كەڭلىكى ''0'50°37، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1261.3 مېتىر. 

زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى تاجىك، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، جۇاڭزۇ قاتارلىقلار مىللەتلەر بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.

زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى 1984-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى زەرەپشات تاجىك يېزىسى، يەكەن ناھىيەسى ھۇدالىق ۋاڭلىقغا تەۋە بىر كەنت بولغان، ئازاتلىقتىن كىيىن 1954-يىلى ھۇدالىق رايونىدىكى بىر كەنت، شۇ يىلى، پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا «زەرەپشات تاجىك مىللىي ئاپتونومىيەلىك يېزا»، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك گۇڭشې رايونى تەسىس قىلىنىپ، 1958-يىلى يەنە خەلق گۇڭشېسى چارەك بىر تۇتاش باشقۇرۇش رايونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تاكى 1984-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغىچە داۋام قىلغان. 

زەرەپشات تاجىك يېزىسىزەرەپشات تاجىك يېزىسى پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 12 مەمۇرىي كەنت ئاھالىلەر كومتېتى، 61 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بۇلۇپ، بۇلار: 1-كەنت باش قوزىمال كەنتى، 2-كەنت تۆۋەن قوزىمال كەنتى، 3-كەنت زەرەپشات كەنتى، 4-مۇساق كەنتى، 5-كەنت قۇمباغ كەنتى، 6-كەنت قوشتېرەك كەنتى، 7-كەنت لەڭگەر كەنتى، 8-كەنت سايباغ كەنتى، 9-كەنت قاراتلا كەنتى، 10-كەنت توققۇزمەت كەنتى، 11-كەنت شاپتۇللۇق كەنتى، 12-كەنت يېڭى مەھەللە كەنتى (كۆچۈرۈش نۇقتىسى) قاتارلىقلار؛

زەرەپشات تاجىك يېزىسىپۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 9309 ئادەم، 2040 ئائىلە، 13 مەمۇرىي كەنت، 61 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، ئەمگەك كۈچلىرى 2649 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك مىللىتى 1824 نەپەر، %19.59 نى ئىگىلەيدۇ، 2-،3-،4-،6-،7-كەنىتلەرگە نىسپىي مەركەزلەشكەن. ئۇيغۇر مىللىتى 7027 ئادەم، %75.48 نى ئىگىلەيدۇ. قىرغىز مىللىتى 422 ئادەم، %4.5 نى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇ مىللىتى 34 ئادەم، %0.36 ىنى ئىگىلەيدۇ. جۇاڭزۇ مىللىتى 2 ئادەم، %0.02 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئىدارە-ئورگان، پونكىت-سولار، كوپىراتىپلاردىن 25 ى، مەكتەپتىن 6 سى (بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر، باشلانغۇچ مەكتەپتىن 5)، ئوقۇغۇچىلار 2252 نەپەر؛ 

يېزا بويىچە جەمئىي 25 پارتىيە ياچېيكىسى، 53 پارتىيە گۇرۇپپىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كەنت ياچېيكىسىدىن 11 ى، پونكىت ياچېيكىدىن 8، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىدىن 6 سى بار؛ پارتىيە ئەزالىرى 401 نەپەر، « ئۈچ پېشقەدەملەر» 41 نەپەر.

زەرەپشات تاجىك يېزىسىيېزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق چۆللۈك كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. تۆت پەسىل ئېنىق، ياز پەسلى ئۇزۇن باھار ۋە كۈز پەسلى قىسقا بولىدۇ. كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. مېتىرولوگىيە تارماقلىرىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5 گرادۇس، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 41.5 گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن 23.5 گرادۇس. ئوتتۇرىچە توڭ توپا قەۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 سانتىمېتىر، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2968 سائەت، قىروسىز مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 270 كۈن، يىللىق قۇياش ئومۇمىي رادىئاتسىيە مىقدارى 138 كىلوكالورىيە / كۋادرات سانتىمېتىر، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول. 

ھۆل-يېغىن ۋە پارغا ئايلىنىشى

ھۆل-يېغىن ۋە پارغا ئايلىنىشى: قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 44 مىللىمىتىر، بىر كۈندىكى ئەڭ كۆپ ھۆل-يېغىن مىقدارى 32.4 مىللىمېتىر، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۇدا يېغىن بولمايدىغان كۈن سانى 207 كۈن، قىش پەسلىدىكى قار ناھايىتى ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2246.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىشنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 52:1، بىر يىلدا پارلىنىش پوتېنسىئالى تەخمىنەن 1336 مىللىمېتىر، بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2575.5-3433.1 سائەت، يىللىق نىسپىي نەملىكى ئوتتۇرىچە ئۈچۈن %53.3. زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. 

شامال كۈچى مەنبەسى

زەرەپشات تاجىك يېزىسىشامال كۈچى مەنبەسى: زەرەپشات تاجىك يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يېزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق چۆللۈك كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5 گرادۇس. زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىلىق شامال كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قۇم-بوران كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، نەق مەيداندا كۈزىتىش، ئۆلچەش پەيتلىك شامال سۈرئىتى 40 مېتىر/ سېكۇنت، دائىم كۆرۈلدىغان شامال رايونىدىكى نەچچە مىڭ مو يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى ئون مىڭ مودىن ئارتۇقىنى تېرىغىلى بولمايدۇ. ناھىيەنىڭ بوران ئاپىتى ئېغىر ئاپەت رايونى. 

سۇ شارائىتى 

زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىلىق شەرقىي قىرغاق چوڭ ئۆستىڭى، ئېرىق-ئۆستەڭلەر يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرى شېغىللىق چۆل، سۇنىڭ سىڭىپ كېتىشى ئېغىر، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، يەلپۈگۈچسىمان ئورۇنغا جايلاشقان بولغاچقا گىرۋىكىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭ، ئۆلچەملىك سالا ئېتىز ئاز، دېھقانچىلىق ئېرىقى كىچىك. يەكەن دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ تارقىلىشى، يىللىق يەتكۈزۈلىدىغان سۇ مىقدارى تەكشى ئەمەس.

تۇپراق قۇرۇلمىسى 

شاماللىق قۇم تۇپرىقى پىلانلانغان رايوننىڭ ئاساسلىق تۇپراق تۈرى. قۇملۇق تەرىپى شەكىللىنىش جەريانى ئادەتتە بوران بىلەن شامالنىڭ ئۇپرىتىش ئاستىدا شۇ جايدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، قۇم بارخانلىرى سۇ، بەزى بىر قىسمى تەكشى قۇملۇق يەر يۈزىگە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى توسۇش ئارقىلىق شاماللىق قۇم تۇپراقنىڭ ئالدىنى ئالغان. 

زەرەپشات تاجىك يېزىسى2006-يىلى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كىرىمى 29 مىليون 140 مىڭ يۈەن، كوللېكتىپ كىرىمى 1120870 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1470 يۈەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %12، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى 160 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرشقان. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 41 مىڭ مو، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 27488 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3.45 مو. 

يېزا بويىچە بۇغداي كۆلىمى 10808 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 3340 توننا؛ كۆممىقوناق كۆلىمى 9770 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2400 توننا؛ 2006-يىلى 17520 مو كېۋەز تېرىلغان، مو بېشى مەھسۇلاتى 136 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى تەخمىنەن 40 مىڭ توننا. 

چارۋا-مال سانى 24943 تۇياق، باغ كۆلىمى 17 مىڭ 500 مو، 3905520 تۈپ، ئاساسلىقى ئۆرۈك، ياڭاق، شاپتۇل دەرىخى، بادام ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈك 5700 مو، مېۋىگە كىرگىنى 3000 مو. 

2007-يىلى چىلانلىق كۆلىمى 4500 مو، مېۋە بەرگەن چىلانلىق كۆلىمى 2000 مو، ياڭاق 7000 مو. 2007-يىلى پىلانلىق ئۇلاش تۈپىدىن 32000 تۈپ؛ بادام كۆلىمى 1500 مو، 2007-يىلى پىلانلىق تېرىقچىلىقى 2500 مو، شاپتۇل دەرىخى 1000 مو، 2007-يىلى پىلانلىق ئۇلاش ئاخىرلىشىپ پىستە بادام 400 مو، چىلان 400 مو، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردىن 1500 مو، 3000 مو ئەتىرگۈل.

زەرەپشات تاجىك يېزىسىيېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن 7سى، ئوقۇغۇچىسى 2242 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك ئوقۇغۇچى 498 ئادەم، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %27 نى ئىگىلەيدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.7، ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %93 بولغان. يېزا بويىچە ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 121 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك ئوقۇتقۇچىلار 36 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 29.7% نى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلدىن-يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ياخشىلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#