دارۋېن شەھىرى
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، شەھەر ئاھالىسى 140 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە خەنزۇلار بىلەن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، شەھەر ئاھالىسى 43 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە خەنزۇلار بىلەن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. دارۋىن ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم سودا پورتى، ئاتاقلىق ھەربىي بازىسى. بۇ جايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم دېڭىز، قۇرۇقلۇق ھەربىي بازىلىرى، ئاۋسترالىيىدىن ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەلىرىگە بارىدىغان مۇھىم ئايرودورمى بار.
دارۋىن شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق جەنۇبتىكى بىردۇم شەھىرى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. سۇ ئاستى تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. دارۋىن پورتى ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئېلىنىدىغان كان بايلىقلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە گۆش مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.