ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك پوروخ ئىشلەتمەيمۇ تانكىلارنى ۋەيران قىلالايدۇ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ، توسىيالايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك
چەتئەلچە نامى electromagnetic gun
پىرىنسىپى ئېلېكتروماگنىتلىق قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 电磁炮
تۈرى ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىك قورال

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك پوروخ ئىشلەتمەيمۇ تانكىلارنى ۋەيران قىلالايدۇ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ، توسىيالايدۇ. ئادەتتىكى تۈرلىرىدىن قايتا ئۇلىغۇچى زەمبىرەك، ئېلېكتروتېرمال زەمبىرەك، ئوربىتا زەمبىرەكى، كاتۇشكىلىق زەمبىرەك قاتارلىقلار بار. 

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكبۇ خىل زەمبىرەكنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى زەمبىرەكلەرنىڭكىدىنمۇ ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭ 10 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىستىن ياسالغان ئىككى ئۆتكۈزگۈچ يولى بار، ئېغىرلىقى1 نەچچە گراملا كېلىدىغان، 5 پۇڭلۇق تەڭگە چوڭلۇقىدىكى «زەمبىرەك ئوقى» 2 ئۆتكۈزگۈچ يولى ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىككى ئۆتگۈزگۈچ يولىنى توكقا ئۇلاپ، كۇنۇپكىنى باسسىلا، زەمبىرەك ئوقى ئېتىلىپ چىقىپ، نەچچە 10 مېتىر يىراقلىقتىكى قېلىن پولات تاختايدىن تېشىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكنىڭ كىچىككىنە ئوقى قانداقسىگە قېلىن پولات تاختاينى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ؟ ئەسلىدە ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكنىڭ ئوقى كىچىك بولسىمۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 6000 مېتىرغىچە يېتىدۇ، بۇ ئادەتتىكى مىلتىق ئوقى سۈرئىتىنىڭ 4 −5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك ئوقىنىڭ پولات تاختايغا ئۇرۇلغان چاغدىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى چوڭراق بولغاچقا، يېتەرلىك تېشىپ ئۆتۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئايروپىلان كۆكتە ئۇچۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئۇرۇلغان قۇشنىڭ ئايروپىلاندا كامار پەيدا قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش قائىدە.

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكبۇنداق ئوقنىڭ يۇقىرى سۈرئىتىنى ئېلېكترو ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئېلېكتر ماتورىنى توكقا ئۇلىسا، ئىنتايىن تېز ئايلانغانغا ئوخشاش. چۈنكى، ئېلېكتر ماتورىدىكى روتور بىلەن ستاتور ئايرىم-ئايرىم ماگنىت پەيدا قىلىدۇ، بىر خىل قۇتۇپلۇق ماگنىتلار تېپىشىش، ھەرخىل خىل قۇتۇبلۇق ماگنىتلار تارتىشىش پرىنسىپى بويىچە ئېلېكتر ماگنىت كۈچى ھاسىل بولۇپ، روتورنىڭ تېز ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئوق ماتورنىڭ ئىككى ئۆتكۈزۈش يولى ستاتورغا ئوخشايدۇ، توكقا ئۇلانغاندىن كېيىن غايەت زور ئېلېكترو ماگنىت كۈچى ھاسىل بولۇپ، ناھايىتى يېنىك ئوقنى ئۆتكۈزۈش يولىدىن تېزدىن ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ.

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكئېلېكتروماگنىت زەمبىرەك تانكائاتارنىڭ ئوقىنى ئېتىپلا قالماي، ئۇنى ئاۋىئاتسىيە زەمبىرىكى، تانكا زەمبىرىكى ۋە سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەتتا ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋاسىتىسى قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#