قول-پۇتلارنىڭ يېرىلىشى

قولپۇتلارنىڭ يېرىلىشى

قول-پۇت تېرىلىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ قېلىنلاپ ئېلاستىكىلىقى يوقىلىشتىن كېلىپ چىققان تېرە كېسەللىكىدۇر.

غەرب تېبابىتى نامى قول-پۇتلارنىڭ يېرىلىشى
تەۋە بۆلۈم تېرە كېسەللىكلىرى
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 手足皮裂
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرە مىزاجىنىڭ خىلىتسىز قۇرۇقلۇقىتىن بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە قۇرۇقلۇق غالىب ئورۇننى ئىگىلىگەندە سۇيۇقلۇقلارنىڭ جۈملىدىن تېرە توقۇلما، ھۈجەيرە ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنى كۆپلەپ خورىتىپ، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ كېسەل ئالىقان، بارماق ئۇچى، بارماقلارنىڭ ئىچى تەرىپى، ئۆكچە، پۇتنىڭ سىرتقى يېنى قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ.

بۇ كېسەل دەسلەپ قوزغالغاندا تېرە قۇرغاق بولۇپ، مۈڭگۈزلىشىپ قېلىنلايدۇ. تېرە سىزىقچىلىرى روشەن بولىدۇ. تېرىنىڭ سىزىقچىلىرىنى بويلاپ كۆپ ساندىكى تۈز سىزىقلىق ياكى ئەگرى سىزىقلىق يېرىقچىلار يۈز بېرىدۇ. ئېغىرلىرىدا چوڭقۇرلىشىپ تېرە ئاستىغا يېتىدۇ. يېرىقنىڭ قىرلىرىدىكى يۈزەكى تېرىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى روشەن بولىدۇ. تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. قانايدۇ. ئاغرىيدۇ.

1. كېسەل يۈز بېرىدىغان ياش قۇرامى، پەسلى ۋە ئوڭاي پەيدا بولىدىغان ئورنىغا ئاساسەن چوڭلاردا، كۈز ۋە قىش پەسلىدە، پۇت-قول تېرىلىرىدە كۆرۈلىدۇ.

2. يەرلىك ئورۇن تېرىسى قۇرغاقلىشىپ قېلىنلاش، چوڭقۇر يۈزەلىكى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تېرە يېرىلىش، ئاغرىش قاتارلىق كلىنىك ئىپادىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ.

1. پۇت-قول تەمرەتكىسىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كۆپىنچە يەككە ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. ئېغىرلاشقاندا باشقا ئورۇنلارغا يۇقۇپ سىممېترىك بولىدۇ، ھەتتا تىرناقلاردىمۇ پور تىرناق قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مىكروسكوپ ئاستىدا زەمبۇرۇغ تەكشۈرگەندە ياكى ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلىگەندە مۇسبەت بولىدۇ. بۇ كېسەل بالىلاردا ۋە ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش داۋالاش پرىنسىپى قىلىنىدۇ.

بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئەرقى بېدىمىشكى 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى گۈل 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، شەربىتى پەۋاكىچ 50 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، مائۇل ھەسەل ساددە 30 مېتىردىن ئۈۋ ۋاخ، ئامىلە نوشدارى لوئلوۋى 10 گرامدىن ئىككى ۋاخ. يۇقىرىقى دورىلارنى تاللاپ بېرىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن قوي مېيى، بابۇنە يېغى، قاپاق يېغى، بادام يېغى، زەيتۇن مايلىرىدىن تاللاپ مايلاپ بېرىش لازىم. يۇيۇۋېتىش ئۈچۈن ئاق لەيلىگۈل، بىنەپشە 10 گرامدىن، قىزىلگۈل، تەرخەمەك ئۇرۇقى 25 گرامدىن، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، نارجىل 15 گرامدىن دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ بېرىلىدۇ.

قىش، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە تېرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، قول-پۇتلارنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ بېرىش، كىر سوپۇنلىرىنى ئاز ئىشلىتىش، دائىم مەلھەملەرنى سۈرتۈپ بېرىش لازىم.ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=910

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=910

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#