ناننىڭ ئۆزگىچە بولغان تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بولغان قۇرغاق ھاۋا كېلىماتى ناننىڭ تەركىبىدىكى سۇنىڭ ئاز بولىشىغا سەۋەپ بولغان ،يېقىپ چىقىلغان نان بىر خىل قۇرغاق ھالەتتە بولۇپ ،ئۇزۇنغىچە بۇزۇلۇپ قالماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ،ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ساقلاشقا ئىنتايىن قولايلىق .

ئۇيغۇرچە نامى نان
ئاساسلىق ماتېرېيالى ئۇن ، ماي ،پىياز ،كۈنجۈت ،تۇخۇم ،سۈت
يارقىن نۇقتا 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخىقا ئىگە
خەنزۇچە نامى
ئالاھىدىلىكى سۇ مىقدارى ئاز ،قۇرغاق ،ساقلاشقا قولاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى ،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك –ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خىل يېمەكلىك، ئۇزاق تارىخقا ئىگە.نان تونۇرغا يېقىش ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدۇ ،يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ. ناننىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى ئۇن ،ياغ ،پىياز ، تۇخۇم ،سۈت ،تۇز ،كۈنجۈت قاتارلىقلار.

    ناننىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ خېمىر يۇغۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ۋە ئارلاشتۇرۇلغان ماتىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ناننىڭ شەكلى، يېقىش شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نامىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مۇھىملىرىدىن گۆش نان، مايلىق نان، پوم نان، سىيادان نان ۋە كۈنجۈت نان، قاتارلىقلاربار. 

    ئەڭ چوڭ ناننىڭ دېئامېتىرى  40 -50 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ،نان پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ ،يەنى كۇچا نېنى بۇنڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئەڭ كىچىك نان توقاچ بولۇپ ئېتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئىنچىكە ،ئىچىگە ماي، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلارنى قوشىدۇ ، تەمى ياخشى، ساقلاش  قولاي. ئەڭ قېلىن نان گىردە نان بولۇپ قېلىنلىقى 5 -6 سانتېمېتىر ئەتراپىدا، ئوتتۇرىدا بىر تۆشۈك بار، ئۇنىڭدىن باشقايەنە پېتىر نان

 بۇنىڭدا ماينى خېمىرغا ئارلاشتۇرۇپ نىپىز يېىش ئارقىلىق يېقىلىدۇ .گۆش نان، يەنە گۆشنى قىيما ھالاتتە خېمىر بىلەن ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييار بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ نان يېقىش ئۇسۇلى، ناننىڭ شەكلى ۋە ئىشلىتىدىغان ماتىريالىدا پەرقلەر مەۋجۈت. نان تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى ، ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولىشى ۋە تەمىنىڭ مېزىلىك بولۇشى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى  بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن.

     ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا كەنىتلىرىدە ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك تونۇر بار، ئاساسان كۆپىنچە ئاياللار نان ياقالايدۇ ،تونۇر ھويلىغا ياكى ئىشىك ئالدىغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نان يېقىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق قورال .ئادەتتە تونۇر  ئىگىزلىكى بىر مېتىر قورسىقى چوڭ ئېغىزى كىچىك  كۈپكە ئوخشاش بولىدۇ، نان يېقىشتىن بۇرۇن تونۇرغا ئوت يېقىپ تونۇرنىڭ ئىچى قىزىغاندا ئوتنى توختىتىمىز ئاندىن زوۋۇلا قىلىنىپ تەييار بولغان بولغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا يېيىپ تونۇرغا ياقىمىز ،ئون مىنۇت ئەتراپىدا پىشىپ تەييار بولىدۇ.

    ناننىڭ شىنجاڭدىكى تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ ،جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تارىخى ماتىرياللىرىدا خاتىرلەنگەن ،ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تۇرپاندىن قېزىپ چىقىلغان نان ،شۇنى چۈشەندۈردىكى، مىڭ يىللار ئىلگىرىلا تۇرپان خەلقى نان يېقىشنى بىلەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا جوڭگۇ تارىخىدىمۇ كۆپلىگەن داڭلىق شېئرلاردا نان تەسۋىرلەنگەن، بۇنىڭدىن كۆرېۋېلىشقا بولىدۇكى نان ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

ئۇيغۇرلار ناننى قۇت ۋە بەخىتنىڭ سېموۋلى دەپ قارىشىدۇ ، مەسىلەن قىز يىگىتلارگە چاي ئىچكۈزگەندە ،كۆرۈشۈش سوۋغىتى قىلىدۇ ،يەنى كىيىملىك ، تۇز ،قەنت ،ئۇنىڭدىن باشقا بەش نان چوقۇم بولىشى كېرەك ،توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە ، تۇزغا چىلانغان ناننى قىز يىگىتكە يېگۈزىدۇ ،بۇ توي قىلغان قىز –يىگىتنىڭ ئىناق ئىتىپاق ئۆتۈپ ،خوشاللىق ۋە ئازاپلاردىن تەڭ بەھرىمان بولىشىغا سېموۋول قىلىنغان ، بۇۋاقىتتا قىز –يىگىت تالىشىپ تۇرۇپ تۇزغا چىلانغان ناننى يېيىشىدۇ،كىم بالدۇر ئېلىۋالسا شۇنىڭ مۇھاببەتكە سادىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل نەزىر چىراق ،توي-تۆكۈن يىغىلىشىلىرىدا ، تۇغقانلار ،دوست –يارەنلەر يىغىلىشىدا ئەڭ ئاۋۋال  نان كەلتۈرىدۇ ، بۇ  بىر خىل قائىدىگە ئايلىنىپ قالغان. 

نانئۇيغۇر خەلقى ناننى قەدىلەيدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داستىخانغا چېچىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى تېرىۋېلىپ ئاغزىغا سالىدۇ. چېچىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى «يامان بولىدۇ» دەپ ھەرگىز دەسسىمەيدۇ. چېچىلغان نان ئۇۋاقلىرنى كۆرسە تېرېلىپ، ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرگە قويۇپ قويىدۇ، يالغۇز بۇلا ئەمەس. يەنە:

1) بىراۋ ئۇزاق يەرگە سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا، ئۇرۇق—تۇغقان ۋە باشقىلار ئۇنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا ئاقيول تىلەيدۇ ۋە نان يوللۇق تۇتىدۇ؛ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ئادەتلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارىشىچە؛ نان يۇمىلاق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ دىدارنىڭ تىمسالى. نان يوللۇق تۇتۇش «دىدار كۆرۈشۈش نېسىپ بولسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

2) بىر ئادەم چۈشىدە نان چۈشىگەن بولسا، بۇنى ئايرىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان يىراقتىكى ئۇرۇق—تۇغقانلار يۈز كۆرۈشىمىز، دەپ قارايدۇ. 

3) تويى بولغان قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ مېڭىش ئالدىدا قىز ئاتا—ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ.  ھەمدە قىزىنىڭ بېشىدىن نان، سۇپرا قاتالىقلارنى ئۆرۈيدۇ.

4(ئۇيغۇرلار ھالقىلىق پەيتلەردە ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئىشەنچىلىك قەسەم ئورنىدا «نان ئۇرسۇن» ، «نان دەسسەپ بېرەي» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىدۇ. «ۋاپاغا جاپا» قىلىدىغان نائىنساپ كىشىلەرنى «نانكورلۇق قىلىدىغان» دەپ قارايدۇ. بۇ خىل تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىدە ناننى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئەقىدە ئىپادىلەنگەن.)[0]

نانلارنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە، كۇچا نېنى باشقا نانلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ نان يوغان ھەم نىپىز قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

نان قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان بولغاچقا، ناننىڭ مىقدارىدا سۇ تەركىبى ئاز، ئۇزاق ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېلىپ يۈرۈشكە بەك قولايلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرغاق مۇھىتىغا ماسلاشقان.[1] 

نانلارنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە، كۇچا نېنى باشقا نانلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ نان يوغان ھەم نىپىز قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    60%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    40%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#