ئۆشنە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش.
ئۆشنە1. ئۆشنە 7 گرام، زىرە، بەدىيان، پىننە قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ دەملەپ ئىچسە، ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
2. ئۆشنىنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى بۇرۇندىن كىرگۈزسە، شەقىقە، سەرئىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئۆشنىنى چالا سوقۇپ سۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى، بوشىشىشى، قولتۇق ئاستى بېزى، تىز، يوتا قاتارلىق ئەزالارنىڭ بوشىشىشىغا پايدا قىلىدۇ ۋە ئىششىقنى قايتۇرىدۇ.
4. ئۆشنىنى ئارپىبەدىيان بىلەن كۆزگە سۈرمە قىلسا ياكى تېمىتسا، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
5. ئۆشنىنىڭ تالقىنىنى قولتۇققا سەپسە قولتۇقنىڭ سېسىق پۇرىشىنى يوقىتىدۇ.
شەربىتى ئۇشنە
يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىق، تۇتقاقلىق كېسىلى، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.