ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت

ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت

ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت دېگىنىمىز، پۈتۈن مۇھىت (كومپيۇتېر مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالماي نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت
خەنزۇچە نامى 高可用性环境

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىتئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت دېگىنىمىز، پۈتۈن مۇھىت (كومپيۇتېر مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالماي نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ:

1. سىستېمىنىڭ خاتالىقى ياكى ئۆلۈشى.

2. ئىشلەش قەۋىتى بىلەن ئوتتۇرا قەۋەتنىڭ خاتالىقى.

3. تور  ئۇلانماسلىق.

4. ئۇچۇر ساقلانماسلىق (ئادەتتە ساقلاش ۋاسىتىسى، قاتتىق دىسكا دېگەندەك ۋاسىتىلەردىن چاتاق چىقىشى). 

5. باشقۇرغۇچىنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىشى؛

6. ھەر خىل بالايى-ئاپەتلەر.

7. سىستېمىنى پىلانلىق ئاسراش.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت بولۇشى ئۈچۈن، سىستېمىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، تور، ئادەم ۋە كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەرنىڭ سىستېمىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بانكىنى مىسالغا ئالسا، ناۋادا بىر رايوندا ئۇرۇش بولۇپ، بۇ رايوندىكىلەرنىڭ ئۇچۇرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلار مەركىزى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇچۇرنى يەنە بىر رايوندا تەڭ زاپاسلاپ، ئۇچۇرنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىلىشچانلىقنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇنداق فورمۇلا بار: مۇشۇنداق بىر سىستېمىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى %99.95 بولسا، ئۇ ھالدا بىر يىلدا پەقەت 4.38 سائەتلا توختايدۇ. بۇ سىستېمىنى پىلان ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىدىكى جەدۋەلگە ئاساسلانغاندا، ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مەلۇم بىر مۇھىتنى يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەت چاتاق چىقىدۇ دەپ بېكىتسەك (ئىشلىتىلىش دەرىجىسى %99.99)، بىز ئۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىر يىلدا 20 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىمىز. ئۇنداقتا بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان مۇھىت ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت ھېسابلانمايدۇ.

دەۋرىمىزدە %100 توختاپ قالمايدىغان ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇھىت يوق. توكنى %100 توختىتىپ قويمايمىز دېسە، ئۇنىڭغا بەك زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا ئادەتتە %99.9 تىن يۇقىرى بولغان مۇھىت ئىشلىتىلىشچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى مۇھىت ھېسابلىنىدۇ.

www.eBay.com بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ C2C سودا تور بېكىتىدۇر. 2007-يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ تور بېكەتكە تىزىملاتقان ئابونت سانى 248 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بىر مىليارد پارچە رەسىم ساقلانغان، كۈندىلىك كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليارد PV بولغان. پۈتۈن ئۇچۇر2P دىن ئاشقان (P=1024T=1024X1024G1). ئۇچۇر مۇشۇنداق كۆپ بولغان سىستېمىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى %99.94  تىن يۇقىرى بولغان. ئۇنداقتا eBay قانداق قىلىپ بۇنداق چوڭ سىستېمىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلالىدى؟ بىز ئاۋۋال ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاراپ باقايلى.

16000 دىن ئارتۇق WEB مۇلازىمىتېر بار. ھەممىسى J2EE نى ئىجرا قىلىدۇ. 1000 دىن ئارتۇق لوگىكىلىق ساندان (بىر كومپيۇتېرغا نۇرغۇن لوگىكىلىق ساندان قۇرغىلى بولىدۇ)، 400 دىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېرغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇچۇرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كومپيۇتېرنى يەنە كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى 44 مىلياردتىن ئارتۇق SQL جۈملىسى ئىجرا بولىدۇ.

ساندانغا Oracle نى ئىشلەتكەن، مۇلازىمىتېرغا WebSphere نى ئىشلەتكەن. ھەر بىر ساندان ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ نۇسخا زاپاسلانغان (مەشغۇلات ھالىتىدە زاپاسلىنىدۇ). بىرسى توختاپ قالسا، شۇ ھامان يەنە بىرسى ئىجرا بولىدۇ، ئىشلەتكۈچى ئۇنىڭ توختاپ قالغىنىنى سەزمەيدۇ. كۆپىنچە CPU كۈچەيدىغان خىزمەتلەرنى ساندان مۇلازىمىتېردىن WEB مۇلازىمىتېرغا يۆتكىگەن. بۇنداق بولغاندا سانداننىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى، ساندان بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ئاسان قېتىپ قالىدۇ ياكى سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە WEB مۇلازىمىتېرى تەننەرخى ئەرزانراق، كېڭەيتىشكە ئوڭاي.

ئىشلەش قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ئۇلىنىش كۆلچىكىنى ئىشلەتكەن، ئىشلەش قەۋىتىدە كۆپ قەۋەتلىك قۇرۇلمىنى يولغا قويغان. ئەڭ چوڭ تېخنىكىسى شۇكى، تەقسىملەنمە ساندان بىلەن Real-time Search ئىشلەتكەن. 

شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، eBay نىڭ ئەڭ ياخشى تېخنىكىسى تەقسىملەش، ئاۋۋال Web مۇلازىمىتېرنى تەقسىملىۋالغان، 16000 دىن ئارتۇق مۇلازىمىتېرىغا بۆلگەن. ساندانغا قارىغاندا Web مۇلازىمىتېرنى كېڭەيتىش ئوڭايراق. شۇڭا، ساندان مۇلازىمىتېرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئېغىر يۈكلەرنى Web مۇلازىمىتېرغا يۈكلىگەن. بۇ تۆت ئات بىر ھارۋىنى تارتالمىغاندا، يەنە ئىككى ئاتنى قوشسا تارتالىغاندەكلا بىر ئىش. 

ساندان قىسمىداeBay  ئاۋۋال سانداننى ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن تىك ھالەتتە بۆلگەن. ئاندىن SharePlex نى ئىشلىتىپ توغرىسىغا بۆلگەن، ئوقۇش مەشغۇلاتى بىلەن يېزىش مەشغۇلاتىنى ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ھەم ساندان مۇلازىمىتېرىنى بىر نەچچە سانلىق مەلۇمات مەركىزى  (数据中心)گە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئادەتتە قوللىنىلىۋاتقان سىستېما ساندان زىيارەت قەۋىتى ئارقىلىق تەقسىملىگۈچنىڭ يول باشلىشى بىلەن سانداننى زىيارەت قىلىدۇ. سانداننىڭ قەيەردە قويۇلۇشى مۇھىم ئەمەس. چۈنكى، قايسى ساندانغا ئۇلىنىشنى تەقسىملىگۈچ بەلگىلەيدۇ. (مىسال، رايونىمىزدا دائىم مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئالىدىغان چاغدا، تىزىملىتىدىغان ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملايدىغان تور بېكەت توختاپ قالىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، دەل مۇشۇنداق تەقسىملەش سىستېمىسى يوق ياكى تەقسىملىشى ياخشى ئەمەس.) 

ئۇندىن باشقا سانداننى ئوخشىمىغان ئورۇندىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنداق بولغاندا تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئۇچۇرلارنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مەلۇم بىر قىسىمدىن چاتاق چىققاندا، ئاپتوماتىك ھالدا باشقا نورمال مۇلازىمىتېرغا ئۇلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچى بۇنداق چاتاقلارنى سەزمەيدۇ ھەم مەشغۇلاتى توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#