تاجىكلارنىڭ قول سومكىسى

قول سومكا تاجىك لارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى. قول سومكا تاجىك ئىلمە توقۇلما مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قول سومكا تاجىكلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى. قول سومكا تاجىك ئىلمە توقۇلما مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى تاجىك قىز – ئاياللىرى چېۋەر قولىدا توقۇيدۇ. قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، سۆسۈن رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىدۇ.

قول سومكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 35 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 33سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئۈستىگە ئىت قۇيرۇقى، چاغىرەك خىش شەكىللىك ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى توقۇلىدۇ، تۆۋەنكى تەرىپىگە ھەرخىل يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈپ مونچاق تىزىپ، ئاستىغا پۆپۈك چىقىرىلىدۇ، ئۈستى تەرىپىگە يەنى ئېغىزىغا خۇرجۇننىڭ ئېغىزىدەك چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىپ ئىزما بېكىتىلىدۇ. ئىزما قول سومكىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە.

قول سومكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى نەقىشلەنگەن قۇر ئىشلىتىلىدۇ، قۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 – 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنغان يېمەكلىكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ تۇرمۇش ۋاسىتىسىدىن ھالقىپ سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#