سېلنگا دەرياسى

موڭغۇلىيىدىكى خاڭاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. 

نامى سېلنگا دەرياسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موڭغۇلىيىدىكى خاڭاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 992 كىلومېتىر كېلىدۇ. موڭغۇلىيە قىسمىدىكى ئۇزۇنلۇقى 593 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 425 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەرياغا ئوڭ تەرەپتىن خانۇيى، ئورخون دەريالىرى، سول تەرەپتىن دېلگېر مورۇن، ئېگىن دەريالىرى قوشۇلىدۇ.

 سۈيىنىڭ ئېقىشى تېز، دەريا قىنىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ، دەريانىڭ كۆلگە قويۇلۇش ئاغزىدىن تارتىپ سۇخا باتۇر شەھىرىگە قەدەر قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ھەر يىلى 10-، 11-ئايلىرىدىن باشلاپ ئىككىنچى يىلنىڭ 4-، 5-ئايلىرىغىچە دەريا سۈيى توڭلايدۇ. دەريا بويلىرىدىكى جايلار موڭغۇلىيە بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#