لوپ بازىرى

لوپ بازىرى

لوپ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئومۇمىي كۆلىمى 38.5 كۋادرات كىلومېتىر، قارمىقىدا 18 كەنت ئاھالە كومتېتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى لوپ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 38.5 كۋادرات كىلومېتىر
پوچتا رايون نۇمۇرى 848200
خەنزۇچە ئاتىلىشى 洛浦镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى
نوپۇسى 22 مىڭ ئادەم
ماشىنا رايون نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوپ بازىرىلوپ بازىرى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئومۇمىي كۆلىمى 38.5 كۋادرات كىلومېتىر، شىمال تەرىپى ھاڭگىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرق تەرىپى بىلەن دول يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا سامپۇل يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي قىسمى بىلەن چارباغ يېزىسى بىلەن قوشنا. قارمىقىدا 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 72 مەمۇرىي كەنت گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي نوپۇس سانى 5744 ئائىلە، نوپۇسى 20476 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 20037 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 417 ئادەم، باشقا مىللەتلەردىن 19 ئادەم. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26468 مو، ئورمان كۆلىمى 10260 مو، سازلىق 350 مو، قۇملۇق 151 مو، شورلۇق يەر 341 مو، يول يېرى 340 مو. بازار ئەتراپىدىكىلەر يېزا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلدىغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، كۆكتات، لامنارىيە، مېۋە-چېۋىلەر لوپ بازىرى، لوپ ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بازار كېڭەيتىلىپ بازار ئىچىدە رەتلىك ناھىيىلىك دوختۇرخانا، بازارلىق شىپاخانا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئورۇنلىرى لوپ بازىرىغا ئورۇنلاشقان.

لوپ بازىرىلوپ بازىرى كىلماتى چۆكۈندى تۈزلەڭلىك، قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ئەتىياز پەسلىدە قۇم-بوران كۆپ، ياز پەسلى قۇرغاق، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، قىش پەسلىدە قار ئاز سوغۇق ئەمەس، ھۆل-يېغىن ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃24.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6-، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن، تۇپرىقى قۇمساڭ تۇپراق، سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. پۈتۈن بازاردا 26468 مو تېرىلغۇ يەر بار، 21523 مو يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلىپ 2014-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5321 يۈەن.

لوپ بازىرىلوپ بازىرىغا قاراشلىق يەتتە مەھەللە، 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يېڭى بازار كەنتى، بۇلاق چۈرگەي كەنتى، دول تۈگمەنبېشى كەنتى، قىرقاش كەنتى، دۆۋەت كەنتى، كونا بازار كەنتى، ئوتتۇرا بوشقان كەنتى، ئاچال كەنتى، بوشقان كەنتى، قارا دۆۋە كەنتى، گۈمبات كەنتى، قورغان كەنتى، ئاياغ چاپال كەنتى، باش چاپال كەنتى، چاپال لەڭگەر كەنتى، تاپان كەنتى، جايتېرەك كەنتى، خېنىباغ كەنتى قاتارلقلار.

لوپ بازىرىبازار بويىچە جەمئىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26210.8 مو، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 21523 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12 مىليون 960 مىڭ توننا؛ بۇغداي كۆلىمى 11588 مو، كۆممىقوناق 9800 مو، شال 135 مو؛ كېۋەز 3726.6 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 21 مىڭ توننا؛ باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر 3277 مو؛ ئورمانچىلىق كۆلىمى 11308.2 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى 3281 مو، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 8027.2 مو، ھويلا-ئاراملارنى ئۆزگەرتىكەن ئائىلە 3284 ئائىلە، بىكار يەرلەر 1284 مو، ياڭاق كۆچۈرۈپ تىكىش ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي كۆچەت 25 مىڭ 200 تۈپ؛ كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان ستېرېئولۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇلغان تېرىقچىلىقتا تاتلىق ياڭيۇ، پىياز قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 4888 موغا يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.2 مو. 2014-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 92 مىليون 740 مىڭ 800 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 61 مىليون 676 مىڭ 600 يۈەن، 2-كەسىپنىڭ 13 مىليون 476 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ 17 مىليون 477 مىڭ 600 يۈەن. 2014-يىل پۈتۈن بازاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5321 يۈەن.

لوپ بازىرىلوپ بازىرى دول تۈگمەنبېشى كەنتى گازلاشتۇرۇش يېزا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، 2010-يىلى 2-ئايدا باشلانغان، 4 مىليون 63 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پىلانلىق ئائىلە 423 ئائىلىلىك. 2010-يىلى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك پۈتكەن ھەم 4210 مېتىر ھاۋا، باش تۇرۇبا يولى كۆمۈلگەن، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ چاكسىز پولات تارماق تۇرۇبا ئورنىتىش 8000 مېتىر، تەكشۈرۈش قۇدۇقىدىن 10، قۇراشتۇرۇلغان بېسىم تەڭشەش ساندۇقى 28، پارچە يېقىلغۇ گاز سائىتى 478 دانە، گاز ئوچىقى 478 دانە. گازلاشتۇرۇش يېزا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەر يىلى يېڭى ئوتۇن تېجەش، 3 توننا كۆمۈر، ئوتۇن 3000 يۈەن.

لوپ بازىرىدىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغۋەنچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كەسىپ بولۇپ قالغان. لوپ بازىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» بولۇش: مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادى (ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە 2-، 3-كەسىپلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#