زىرە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. زىرە (ئۆسۈملۈك)
  2. زىرە (خام دورا)
ئۆسۈملۈك
زىرە

زىرە (ئىلمىي نامى: Cuminum cyminum L) كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر تۈركۈمى، كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر، پۈتۈن تۈپى (مېۋە سىرتى) سىلىق كېلىدۇ. گۈل بەرگى سۇس قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك، ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك، چېچەكلەش مەزگىلى 4-ئاي، مېۋىلەش مەزگىلى 5-ئاي. 

ئۇيغۇرچە نامى زىرە
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
كەنجى ئائىلىسى بەدىيان كەنجى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 孜然
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى زىرە ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى ئىپتىدائىي گۈل كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىرەزىرە بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 20-40 سانتىمېتىر، پۈتۈن تۈپى (مېۋە سىرتى) سىلىق كېلىدۇ. ساپاقسىز يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايلانمىسى 1-2 سانتىمېتىر، تار يىپسىمان تۆمۈنە يوپۇرماق شەكىللىك غىلىپى بار؛ ئۈچلۈك شەكىلدىكى ئىككى قايتىلانما پەيسىمان تولۇق يېرىلغان يوپۇرمىقى بار، يېرىقچە تار يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى 1.5-5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.3-0.5 مىللىمېتىر. مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى كۆپ سانلىق، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دىئامېتىرى 2-3 سانتىمېتىر؛ ئومۇمىي ئورىغۇچى ياپرىقى 3 ~ 6، يىپسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكىللىكك، ئەتىراپى پەردىسىمان، ئاق رەڭ، ئۇچىدا ئۇزۇن قىلتىرىق شەكىللىك تىكەنلىرى بولىدۇ، بەزىدە ئۈچ چوڭقۇر يېرىلغان، ئۇزۇنلىقى تەڭ ئەمەس، ئۇزۇنلۇقى 1-5 سانتىمېتىر. ئومۇمىي ئورىغۇچى ياپرىقى كىچىكرەك، ئۇزۇنلۇقى 3.5-5 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 0.5 مىللىمېتىر؛ گۈل بەرگى سۇس قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك، ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك، تۆپە تەرپى سەل كەم، ئىچىدىن سۇنغان كىچىك تىلى بار. گۈل چىنىسىنىڭ يېرىلىش ئۇچى كونۇسسىمان، ئانىلىق بوينى ئۇزۇن، كونۇس شەكلىدە، ئانىلىق بوينى قىسقا، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان ئۆسىدۇ؛ مېۋىسى سوقىچاق، ئىككى ئۇچىغا تار، ئۇزۇن يېرى 6 مىللىمىتىرغا يېتىدۇ، كەڭلىكى 1.5 مىللىمېتىر، زىچ ئاق رەڭلىك بولىدۇ.

ئەسلىي چىقىدىغان جايى مىسىر، ئېفىئوپىيە. دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدۇ. رۇسىيە نىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايونى، ئىران، ھىندىستان ۋە شىمالىي ئامېرىكا، تۈركىيە، جۇڭگو قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

زىرەزىرە دورا-دەرمەك شاھى بۇلۇپ، مۇۋاپىق گۆش قورۇمىسى ۋە قورۇمىلارنىڭ تەمىنى تەڭشەشكە پۇراقلىق ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زىرە مېۋىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. يەنى: ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئاشقازان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#