تەسۋى قوناق

تەسۋى قوناق

تەسۋى قوناق  بولسا تەسۋى قوناقنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ،راك ھۇجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش، ھامىلدار بولۇشقا ياردەم بېرىش رولى بار .

خەنزۇچە نامى 薏米仁
ۋاقتى كۈز
ئىنگلىزچە Ma –yuen jobstearis Seed
تەبىئىتى 2- دەرىجىدە ھۇل سۇغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەسۋى قوناقتەسۋى قوناق  بولسا  تەسۋى قوناقنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ، ئادەتتە « تەسۋى قوناق » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تالـنـى قـۇۋۋەتـلـەش بەدەنـگە ھـۇللۇك يـەتـكـۇزۇش، تالـنـى ساغـلامـلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يىرىڭ تازىلاش، ئىششىق تارقىتىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، رېماتىزىمنى يوقىتىش، راك ھۇجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش، ھامىلدار بولۇشقا ياردەم بېرىش.

خاس تەسىرى

تالنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

 تەسۋى قوناق ئېستېرى (Ester) % 14-12 يىرىك ئاقسىل،%8 ـ 2 ياغدىن ئىبارەت .  

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

تەسۋى قوناق راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشدا ئۇنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ،دەسلەپكى باسقۇچدا ئىشلەتكەندە كىسەلنى پۇتۇنلەي تىزگىنلەش، مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ، پەي مۇسكۇللارنى بوشىتىدۇ،يۇرەك،نەپەس ئەزالىرىنى غىدىقلاپ،نەپەس سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،قان قەنتىنى چۇشۇرىدۇ،چىرىشىش ياللۇغ قايتۇرۇپ قىزىتمىنى پەسەيتىپ، ئاغرىق توختۇتىدۇ.

1 .تەسۋى قوناق 22 گرام، قۇرۇتۇلغان پاقايۇپۇرماق ئۇرۇقى ،بىھى كۈلىدىن 12 گىرام سۇدا قاينىتىپ ئىچسە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. بابۇنە، يەرلىك شوخلا 10گرامدىن، تەسۋى قوناقدىن 8 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

تەسۋى قوناقتەسۋى قوناقنىڭ ئۇرۇقى

مىقدارى

8 ـ 35  گرام.

ساقلاش

كۈزدە پىشقاندا يىغىپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قەلەمپۇر 

ئورۇنباسارى

ئاقلەيلى ئۇرۇقى 

تال زەئىپلىگىدىن بولغان ئىچى سۇرۇش، ئۇپكە يىرىڭلىق ئىششىغى، ئۇچەي يارىسى، رېماتىزىم، سۇلۇق ئىششىق، سۇيدۇك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=226

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#