ئابىستىراكىت سەنئەت

ئابىستىراكىت سەنئەت

ئابىستىراكىت سەنئەت بولسا سەنئەت ئوبرازى تەبىئىي ئوبيېكىتىنىڭ سىرتقى شەكلىدىن بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ياكى پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىققان سەنئەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئابىستىراكىت سەنئەت
ئىنگلىزچە نامى Abstract art
ئالاھىدىلىكى ئابستراكتلىق
خەنزۇچە نامى 抽象艺术
خەنزۇچە باشقا نامى 抽象画

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابىستىراكىت سەنئەت بولسا سەنئەت ئوبرازى تەبىئىي ئوبيېكىتىنىڭ سىرتقى شەكلىدىن بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ياكى پۈتۈنلەي  ئايرىلىپ چىققان سەنئەتنى كۆرسىتىدۇ. ئابىستىراكىت سەنئەت ئادەتتە تەبىئەت دۇنياسىنى تەسۋىرلىمەيدىغان سەنئەت دەپ قارىلىدۇ، ئۇ شەكىل ۋە رەڭدىن ھالقىپ، سۇبيېكتىۋلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ.

ئابىستىراكىت ـــ بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا، ئىنسانلار شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتسىز ئامىللىرىدىن ۋاز كېچىشى ھەمدە ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى تاللاپ ئېلىشى دىمەكتۇر. بىر قسىم ئىپتىدائىي سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە كۆپ قىسىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەسەرلىرى شۇنداقلا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى، بىناكارلىق قاتارلىقلارنىڭ سەنئەت شەكلى، ئۇلارنىڭ ياراتقان ئوبرازى تەبئىي ئوبيېكىتتىن چەتنەپ كەتكەنلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئابىستىراكىت سەنئەتكە تەۋە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئاڭلىق سەنئەت ئىدىيىۋى ئېقىمى بولغان ئابسىتىراكىت سەنئەت بولسا 20-ئەسىردە ياۋروپا-ئامېرىكا رايونلىرىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ھازىرقى زامان سەنئەت ئېقىمى مەسىلەن: ئابىستىراكىت تەسۋىرچىلىك، سىتېرىئوزىم، تاھىزىم ئېقىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئابىستىراكىت سەنئەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئابىستىراكىت سەنئەت (ئابىستىراكىت رەسىم)نىڭ ئېنىقلىمىسى: ئەمەلىي بولمىغان، ئەقلىي بولمىغان پۈتۈنلەي كۆرۈش سېزىمى شەكلى.

ئۈچ خىل مەنانى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن:

ئالدى بىلەن: ئابىستىراكىت سەنئەت ئەسەرلىرى ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئوبيېكتىپ ئوبرازلارنى تەسۋىرلىمەيدۇ، ئوبيېكتىپ تۇرمۇشنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ؛

ئىككىنچى: ئوبراز يارتىشتا ئاساسى تېما، لوگىكلىق ھېكايە ۋە ئەقلىي ھالدىكى چۈشەندۈرۈش بولمايدۇ، ئىدىيەنىمۇ ئىپادىلمەيدۇ ۋە شەخسىنىڭ كەيپىياتىينىمۇ يەتكۈزۈپ بەرمەيدۇ؛

ئۈچىنچى: پۈتۈنلەي ساپ بولغان رەڭ، نۇقتا، سىزىق، يۈز، تېكستۇرا، قۇرۇلما قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان كۆرۈش سەزگۈ شەكلى.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئابىستىراكىت سەنئەت ئۇقۇمىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا ئابىستىراكىت رەسىم. ئەلۋەتتە، ئابىستىراكىت رەسىمدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان سەنئەت ساھەلىرىنى، ئابىستىراكىت ھەيكەل، ئابسىتىراكىت بېزەكچىلىك، مۇزىكا، شېئر، ئابىستىراكىت سۈرەتكە ئېلىش، قۇرۇلۇش، ئابىستىراكىت ئۇسۇل قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئابسىتىراكىت بولسا سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز. سەنئەتتىكى ئابىستراكتلىق ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان يىغىنچاقلاش ۋە پىششىقلاش بولۇپ، رەسىم يۈزىدىكى كونكىرىت بولغان ئىزنا ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى يوقىتىپ، رەسىمنى يۇقىرى دەرىجىدە سىموۋوللاشتۇرىدۇ. بىز پىكاسونىڭ «كالا» ناملىق رەسمى ۋە مېندىل سىزغان «دەرەخ» ناملىق رەسىمدىكى ئۆزگىرىشلەردىن غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئابسىتىراكىت ئۇقۇمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنسىنى چۈشىنىۋالالايمىز. كېيىن، ئابستراكتلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئەمەلىي ئوبراز ۋە شەيئىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتتى، رەسىمدە چوقۇم ھەرقانداق بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بولماسلىقى، پۈتۈنلەي رەڭ، نۇقتا، سىزىق، يۈز، تېكستۇرا، قۇرۇلما قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان رەسىملا ئاندىن ئابسىتىراكىت رەسىم دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

كەندىنسكى(1966-1944)، 100يىل ئىلگىرى، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ رەسساملىق ئۆيىدە بىر پارچە «ناتونۇش» رەسىمىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن رەڭدار بولغان بىر پارچە رەسمىنى ئۆرۈپ، ئوڭلاپ قويغاندىن كېيىن، بۇ خىل كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان رەسىم گەرچە ئاددى، كۆپ ئۇچىرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئابىستىراكىت بولغانلىقى ئۈچۈن رەسىمگە ھاياتى كۈچ ۋە ئىستېتىكىلىق قىممەت ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ كەندىنسكىگە نىسبەتەن بىر باشلىنىش ئىدى، ئۇ 1910-يىلى سىزغان «گۈللىنىش» دەپ ئاتالغان ئابىستىراكىت رەسىمدە ئىستېتىكىلىق قىممەتنى روياپقا چىقارغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى بولغان پۈتۈنلەي ئابىستىراكىت رەسىم دەپ قارالغان.

كەندىنىسكىنىڭ دەسلەپكى ئابىستىراكىت رەسىملىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئابىستراكتلىق بولۇپ، لىرىكىلىق ئابىستىراكىت دەپمۇ ئاتالغان، ئالاھىدىلكى بولسا قۇرۇلما ۋە رەڭ جەھەتتە ناھايىتى ئۆز مەيلىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئادەتتە ئىلھامىغا ئاساسەن ئىپادىلەش، ئەركىن ھالقىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. لىرىكىلىق ئابىستراكتلىق تەكىتلەيدىغىنى بولسا ئىچىكى جەھەتتىكى ئەركىن خاسلىق، كۈچلۈك دەرىجىدە شەكىلگە ئىگە بولغان ھېىسيات ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. 1921-يىلىدىن كېيىن، كەندىنىسكى لىرىكىلىق ئابستراكتلىقتىن گېئومىتىرىك ئابىستراكتلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، نادىر بولغان گېئومىتىرىك گەۋدە ۋە نۇقتا، سىزىق، يۈز قۇرۇلما قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ رەسىم سىزغان، ھەمدە 1926-يىلى يەنە بىر ئابىستراكىت سەنئەت مەخسۇس ئەسىرى «نۇقتا، سىزىق، يۈز»نى نەشىر قىلىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ ئابىستراكىت سەنئەت ئاتىسى دېگەن پەننىي ئورنىنى تىكلىگەن.

كەندىنسكى ئابىستراكىت سەنئەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇنىڭ شەكىل تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي تەجرىبە-يەكۈنلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا داغدام يول ئېچىپ بەرگەن، ھەمدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئابىستراكىت سەنئەتنى پۈتكۈل غەرب سەنئەت ساھەسىگە تارقىتىپ، 100 يىلىدن بۇيانقى ئەڭ قەيسەر ھاياتى كۈچكە ئىگە سەنئەتكە ئايلاندۇرغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#