ئەجدىھا دەرىخى

1868-يىلى، دۇنياغا مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناس A. خومبولدت (tdlobmuh noV rednaxe lA) ئافرىقىنىڭ ئولتا ئارىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قارا بوران ئاچا-شاخلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەن بىر تۈپ زور دەرەخنى ئۇچراتقان. بۇ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىر، ئاساسىي غولىنىڭ دىئامېتىرى 5 مېتىرغا يېقىن، يەردىن 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇنغان ئورنىنىڭ دىئامېتىرىمۇ 3 مېتىر كەلگەن. خومبولدتنىڭ يىل ھالقىسىغا ئاساسەن ھېسابلىشىچە، بۇ زور دەرەخنىڭ يېشى ئاز دېگەندىمۇ 8000 يىل چىققان. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر دۇنيا بوۋىسى دەپ ئاتالغان چوڭ شەمشادتىنمۇ ياشقا چوڭ بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى «ئۆمۈر چولپىنى» ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ 1868-يىلىدىكى بوران ئاپىتىدە نابۇت بولۇپ كەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەجدىھا دەرىخى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئامېرىكا ئاگاۋىسى ئائىلىسى
تۈرى ئەجدىھا دەرىخى
خەنزۇچە ئىسمى 龙血树
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئاسپاراگۇس تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئەجدىھا دەرىخى ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئەجدىھا دەرىخى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى ئومۇمەن 10 −20 مېتىر كېلىدۇ، ئاساسىي غولى ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بولۇپ، دىئامېتىرى ئادەتتە 1 مېتىردىن ئاشىدۇ. دەرەخنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ. دەرەخ شەكلى Y شەكىللىك. يوپۇرمىقى سەل ئاقۇچ بولۇپ، خۇددى ئۆتكۈر ئۇزۇن خەنجەردەك شاخلارنىڭ ئۇچىغا تەتۈر قادىلىپ تۇرىدۇ. ئاقۇچ يېشىل چېچەكلەيدۇ، قىزغۇچ سېرىق شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ.

پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 150 تۈرى، جۇڭگونىڭ جەنۇب تەرەپلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا بەش تۈرى بار.

    ئەجدىھا دەرىخى گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، نەچچە يۈز يىلدا ئاندىن بىر تۈپ دەرەخقە ئايلىنىدۇ، نەچچە ئون يىلدا ئاران بىر قېتىم چېچەكلەيدۇ، شۇڭا ئىنتايىن كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئەجدىھا دەرىخى گەرچە بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرگە تەۋە بولسىمۇ، ئۇنىڭ غولىدىكى نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر ئۈزلۈكسىز بۆلۈنەلەيدىغان بولغاچقا، دەرەخ غولى يىلدىن-يىلغا توم بولۇپ ئۆسەلەيدۇ.

ئەجدىھا دەرىخى زەخىملەنسە قان ئاققاندەك تۇتۇق قىزىل رەڭلىك سىمولا(رېزىنا) ئېقىپ چىقىدۇ. شۇ جايلاردا رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ خىل دەرەخ ئەجدىھا بىلەن پىل سوقۇشقاندا قان چاچرىغان تۇپراقتىن ئۆسۈپ چىققانىكەن. شۇڭا، «ئەجدىھا (قېنى) دەرىخى» دەپ ئاتالغانىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل سىمولا ئاتاقلىق چىرىشكە قارشى رېئاكتىۋ(چىرىتمەس دورا) بولۇپ، قەدىمكىلەر ئۇنى ئىنسانلارنىڭ جەسىتىنى ساقلاشتىكى ئالىي دەرىجىلىك ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلەتكەن. ھازىر كىشىلەر ئۇنى سىر ياساش خام ئەشياسى ئورنىدا پايدىلانماقتا. ئېقىپ چىققان سىمولا قۇرۇغاندىن كېيىنكى كاللەكچىلىرى جۇڭيى دورىگەرلىكىدە «شۆجيەن» ياكى «ئەجدىھا قېنى(چىلىنجيې) » دېيىلىدۇ. بۇلجۇڭ گۆش-پەيلەرنىڭ ئاغرىقىنى داۋالاشقا بولىدىغان ئەتىۋارلىق جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخ ئەجدىھا دەرىخى دېيىلىدۇ، ئەسلىي ماكانى ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كانارى تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#