بۇرۇن ئىچىگە جاراھەت چىقىش
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قىزىتمىسى قايتىش دەۋرىدە قوقاق چىقىش، بۇرۇننى كولاپ زېدە قىلىشتىن كېيىن يۇقۇملىنىش، يەللىك يارىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن ئىچى-تېشى ئىششىش، ئاغرىش، قىزىرىش، بەزىدە قاناش، يىرىڭ يىغىپ ئېغىز ئېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قىزىتمىسى قايتىش دەۋرىدە قوقاق چىقىش، بۇرۇننى كولاپ زېدە قىلىشتىن كېيىن يۇقۇملىنىش، يەللىك يارىلار ۋە بۇرۇن ئىچىگە چىققان مۇدۇرلارنىڭ كونىراپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇرۇن ئىچى-تېشى ئىششىش، ئاغرىش، قىزىرىش، بەزىدە قاناش، يىرىڭ يىغىپ ئېغىز ئېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى 10 گرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، 3 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.