جەنۇبىي سۇلالىلەر

جەنۇبىي سۇلالىلەر

مىلادىيە 420-يىلى شەرقىي جىن ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن تارتىپ سۈي ئىمپېرىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا، جۇڭگو جەنۇب بىلەن شىمال تىركىشىپ تۇرغان جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە قەدەم قويدى. جەنۇبتا سۇڭ، چى، لياڭ، چېن پادىشاھلىقلىرى بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى ئالماشتى. بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ھەممىسى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى پايتەخت قىلغانلىقى، تەسىر دائىرىسىمۇ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار «جەنۇبىي سۇلالىلەر» دەپ ئاتالدى.

ئۇيغۇرچە نامى جەنۇبىي سۇلالىلەر
خەنزۇچە نامى 南朝

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادىيە 420-يىلى شەرقىي جىن ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن تارتىپ سۈي ئىمپېرىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا، جۇڭگو جەنۇب بىلەن شىمال تىركىشىپ تۇرغان جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە قەدەم قويدى. جەنۇبتا سۇڭ، چى، لياڭ، چېن پادىشاھلىقلىرى بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى ئالماشتى. بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ھەممىسى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى پايتەخت قىلغانلىقى، تەسىر دائىرىسىمۇ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار «جەنۇبىي سۇلالىلەر» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيە420-يىلى ليۇ يۈي ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ پادىشاھلىقىنى قۇردى، لېكىن ئۇ ئاران ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ليۇ يىفۇ بىلەن ليۇ يىلۇڭ ئارقا-ئارقىدىن تەختكە ۋارىسلىق قىلدى.


سۇڭ ۋېندى − ليۇ يىلۇڭ تەختتە ئولتۇرغان 30 يىل جەريانىدا، باج-سېلىقنى كېمەيتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەچكە، ئىگىلىك خېلى تېز ئەسلىگە كەلدى، جەمئىيەتمۇ خېلى مۇقىم بولدى، جەنۇبنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىشكە باشلىدى. سۇڭ ۋېندىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، شىمالدىكى شىمالىي ۋېي ھاكىمىيىتى بىلەن بىرنەچچە قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىپ، دۆلەتنىڭ كۈچىنى خورىتىپ قويغاچقا، ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ پادىشاھلىقى زاۋاللىققا يۈزلەندى. سۇڭ ۋېندى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشتى، چوڭ ھوقۇق سەركەردە شياۋ داۋچېڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ پادىشاھلىقى شياۋ داۋچېڭ تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ پادىشاھلىقى 60 يىل مەۋجۇت بولۇپ، سەككىز پادىشاھلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.


مىلادىيە 479-يىلى شياۋ داۋچېڭ سۇڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە چىقىپ، چى پادىشاھلىقىنى قۇردى. بۇ پادىشاھلىق تارىختا «شياۋ فامىلىلىكلەرنىڭ چى پادىشاھلىقى» ياكى «جەنۇبىي چى پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالدى. چى گاۋدى شياۋ داۋچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چى ۋۇدى − شياۋزې ھۆكۈمرانلىق قىلغان 15 يىلدا، جەنۇبنىڭ ئىقتىسادى مەلۇم تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ گۈللىنىشكە باشلىدى. مىلادىيە 485-يىلى تاڭ يۈيجى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. كېيىنكى يىلى (486-يىلى) قوزغىلاڭچى قوشۇن چيەنتاڭ(ھازىرقى جياڭسۇدىكى خاڭجۇ) نى ئىگىلىدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشتى، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادىمى 30 نەچچە مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق قوزغىلاڭ ئاخىر يەنىلا مەغلۇپ بولدى. چى ۋۇدى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شياۋ جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پاجىئەنى قايتا تەكرارلىغاچقا، ئىچكى نىزانىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شياۋ داۋچېڭنىڭ بىر جەمەت ئىنىسى، جېڭجۇ ئايمىقىنىڭ ساترابى شياۋ يەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لەشكەر تارتىپ چىقىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. جەنۇبىي چى پادىشاھلىقى 24 يىل مەۋجۇت بولۇپ، يەتتە پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.


مىلادىيە 502-يىلى شياۋ يەن ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، شياۋ فامىلىلىكلەرنىڭ لياڭ پادىشاھلىقىنى قۇردى. لياڭ ۋۇدى − شياۋ يەن 48 يىل پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، جەنۇبىي سۇلالىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزاق تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھ بولۇپ قالدى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، شىمالدىكى ھاكىمىيەتلەر ئاجىزلىشىپ، جەنۇب-شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ ئازايدى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. لېكىن لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئەمەلدارلىق سورۇنى ئىنتايىن چىرىكلەشتى، خىيانەتچىلىك ئەۋج ئالدى، شياۋ يەن يەنە ھەرقايسى جايلاردا ئىبادەتخانا سالدۇردى، پايتەخت جيەنكاڭنىڭ ئۆزىدىلا 500 نەچچە ئىبادەتخانا سالدۇردى. ئىبادەتخانا سېلىش ۋە تەييارتاپ راھىبلارنى بېقىش پۇقرالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. لياڭ ۋۇدى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي سۇلالىلەردىن شەرقىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى خۇ جىڭنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ، «خۇ جىڭ مالىمانچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇ جىڭ لياڭ پادىشاھلىقى خان جەمەتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ لەشكەر باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، پايتەخت جيەنكاڭنى ئىشغال قىلدى، كېيىن يەنە ۋۇجۈن، ۋۇشىڭ، گۇيجى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، بارغانلا يېرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلدى. بۇ، ئەمدىلا گۈللىنىشكە باشلىغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىگىلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، لياڭ ۋۇدىنىڭ ئۆزىمۇ مالىمانچىلىقتا ئۆلدى. چېن باشيەن خۇ جىڭغا جازا يۈرۈشى قىلغاندىن كېيىن ھوقۇقى زورايدى، ئۇ مىلادىيە557-يىلى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە چىقىپ، ئۆزى پادىشاھ بولدى. لياڭ پادىشاھلىقى 56 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تۆت پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.


چېن پادىشاھلىقى جەنۇبىي سۇلالىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى بىلەنلا چەكلەندى. چېن پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان بولسىمۇ، بىراق لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرىدىكى خۇ جىڭ مالىمانچىلىقىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىگىلىكى ئىنتايىن ئاستا ئەسلىگە كەلدى. چېن پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى چېن شۇباۋ چىرىك، قابىلىيەتسىز، ھاماقەت پادىشاھ ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پەرۋا قىلماي، بىرنەچچە يېقىن ۋەزىرى ۋە خانىش-توقاللىرى بىلەن كۈن بويى ئوردىدا ھاراق-شاراب ئىچىپ، نەزم-بېيىت توقۇشتىن باشقىنى بىلمىگەچكە، سىياسىيسى كۈندىن-كۈنگە چىرىكلەشتى. مىلادىيە 588-يىلى شىمالدىكى سۈي سۇلالىسىنىڭ زور لەشكىرىي قوشۇنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، كېيىنكى يىلى بىرلا ھۇجۇم بىلەن جيەنكاڭنى ئالدى، چېن شۇباۋ تىرىك قولغا چۈشتى، چېن پادىشاھلىقىمۇ مۇنقەرز بولدى. چېن پادىشاھلىقى 23 يىل مەۋجۇت بولۇپ، بەش پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#