دۇ يۈمىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇ يۈمىڭ، 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى خېبېي ئۆلكىسى شىجىياجۇاڭ شەھىرى جىڭشىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسور. ئۇ سەلبىي ئوبرازلارنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئەسكى ئادەم دەپ نام چىقارغان ۋە شۇنداقلا سەلبىي ئوبرازلارنىڭ رولىنى يارىتىش جەھەتتە غوللۇق ئارتىس بولۇپ قالغان.
دادىسى ھەربىي، دۇ يۈمىڭ ئىككى ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن چاڭچۈنگە كۆچۈپ كەتكەن، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىن يەنە ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ بېيجىڭغا كۆچۈپ كەلگەن. دۇ يۈمىڭدا ناھايىتى ياخشى ئورۇنداش تالانتى بار بولۇپ، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناپ چاڭچىلا ئېيتالايدۇ. 12 يېشىدا دۇ يۈمىڭ مەركىزىي كومىتېتقا سايلام بىلەن ھازىرقى جۇڭگو تىياتىر-ئەلنەغمە ئىنىستىتۇتىغا جىڭجۈي تىياتىرى ئۆگىنىشكە كىرگۈزۈلگەن.[1]
گومىنداڭ ئوفىتسېرىنىڭ رولىنى ئالغاندىكى ئوبرازىمۇ ئىنتايىن قالتىس. ئەينى يىللاردا ئىشلەنگەن «ئۆسمۈر جاڭ سەنفېڭ» دېگەن فىلىمدە سەلبىي ئوبراز باشباشتاق پادىشاھنىڭ رولىنى ئالغان.
2010-يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قاپلان» فىلىمىدە باندىتلارنىڭ ئاتامانىنىڭ رولىنىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.