دۇڭ بىۋۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان دۇڭ بىۋۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنى دەسمالغا، باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىغا ۋە خەقنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچىغا ئوخشاتقان. بۇ، دۇڭ بىۋۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە پارتىيىگە، خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، رازىمەنلىك بىلەن ئىنقىلابنىڭ چاكىرى بولۇپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دۇڭ بىۋۇ
باشقا نامى 董贤琮,董用威
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1886-يىل
كەسپى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبىرى
خەنزۇچە ئىسمى 董必武
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1975-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇڭ بىۋۇ (1886-1975-يىللار) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭئەن (ھازىرقى خۇڭئەن) شەھىرىدىكى نامرات زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسمى شيەنسۇڭ بولۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن بىۋۇغا ئۆزگەرتكەن. 1911-يىلى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ ۋۇچاڭنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. شىنخەي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيەگە بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. بۇ ئارىلىقتا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە قانۇننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1920-يىلى 6-، 7-ئايلاردا، چېن تەنچيۇ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە ۋۇخەن كوممۇنىزم تەتقىقاتى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 1921-يىلى شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، خۇبېيدا ھەر ساھە ئاممىسىنى قوزغاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا مەدەت بەرگەن، ئەنگلىيەنىڭ كونسېسىيەسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ياپونىيە ئارقىلىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئوقۇشقا بارغان. 1932-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. 1934-يىلى 10-ئايدا، يېشى 50 كە يېقىنلىشىپ قالغان دۇڭ بىۋۇ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. قارلىق تاغقا يامىشىش، ئوت-چۆپلۈكلەردىن ئۆتۈشكە ئوخشاش جاپالىق، خەتەرلىك سەپەردە، يېشى چوڭىيىپ، تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن دۇڭ بىۋۇ دائىم دېگۈدەك ئېتىنى يارىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى پىيادە يول ماڭغان. شىمالىي شەنشىگە كەلگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ جۇ ئېنلەي، يې جيەنيىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1943-يىلى 9-ئايدا، گومىنداڭنىڭ 3-نۆۋەتلىك سىياسىي ئىشلار كېڭىشى 2-يىغىنى چاقىرىلغاندا، دۇڭ بىۋۇ ئۆزى يالغۇز يىغىنغا قاتنىشىپ، گومىنداڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدەك سۇيىقەستىنى نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق پاش قىلىپ، كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا چىڭ تۇرغانلىقىدەك زور تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1945-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە، دۇڭ بىۋۇ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئازاد رايون خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دۇڭ بىۋۇ جۇ ئېنلەيگە ھەمكارلىشىپ چۇڭچىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭلاردا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىچكى ئۇرۇشقا، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا ھارماي قاترىغان.

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جېڭۋۇيۈەن (ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسى) نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىشلىگەن. 1975-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1773.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#