ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشى

ئەنگىلىيە ئىچكى ئۇرۇشى
ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشى 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى كەڭ قاتلىمىدىكىلارنىڭ فېئودال پادىشاھ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى.

نامى ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشى
خەنزۇچە نامى 英国内战
ۋاقتى 1642-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى __ 1651-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئىنگىلىزچە نامى English Civil War

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگىلىيە ئىچكى ئۇرۇشى17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىقتىسادىي راۋاجلىنىپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1603-يىلى تەقىتكە چىققان ئەنگلىيە سىتۇئارت سۇلالىسى فېئودال مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغداپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى جېنىنىڭ بارىچە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ۋە بېسىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ بىلەن، بۇرژۇئازلار ۋە يېڭى ئاڭسۆڭەكلەر پارلامېنتىنى ئىستىھكام قىلىپ، پادىشاھ بىلەن كۈنسايىن كەسكىن قارشىلاشتى. 1640-يىلى پادىشاھ چارلىز Ⅰ كۆپ يىل بولغان پارلامېنت يىغىنىنى ھەربىي خراجەت غەملەش يۈزسىدىن يەنە بىر قېتىم ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت پۇل توپلاشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پادىشاھنىڭ ئەركىن ۋەزىرى سىتراففورنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە چارلىز Ⅰ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز مەيلىچە يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك  جىنايەتلىرى سۆكۈلگەن ھەمدە سودا-سانائەتنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىچكى كابىنېت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلار تەلەپ قىلىنغان «ئومۇمىي ئېنتىزارنامە» نى ماقۇللىدى. ئىككى تەرەپنىڭ كۈرىشى بارغانچە كەسكىنلەشتى. 1642-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چارلىز Ⅰ نوتتىگھامدا خان جەمەتىنىڭ ھەربىي بايرىقىنى چىقىرىپ، پارلامېنتنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش قوزغالدى.

ئەنگىلىيە ئىچكى ئۇرۇشىبۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەت بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى لاگېرغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان شىمالىي رايۇنلاردىكى ۋە غەربىي شىمال رايۇنىدىكى فېئودال ئاڭسۆڭەكلەر پادىشاھىنى ھىمايە قىلاتتى. كاپىتالىزىم بىر قەدەر تەرەققى قىلغان شەرقى جەنۇبتىكى رايۇندا بۇرژۇئازلار، يېڭى ئاڭسۆڭەكلەر، ئۆز يېرىنى تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى بولسا پارلامېنتنى قوللايتتى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سۈلھى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان چوڭ بۇرژۇئازلار ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى پرېسۋىتېرىئاللىق تەرەپتارلىرى پارلامېنت ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. پارلامېنت ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. پادىشاھ ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تامامەن قولغا كەلتۈرۈشكە ئازلا قالغانىدى. ئەنە شۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارلامېنت ئارمىيىسى ئىچىدە مەشھۇر سەركەردە ئولىۋېر كرومۋېل مەيدانغا چىقتى. ئۇنىڭ قۇماندانلىقىدىكى «چەۋەندازلار ئەترىتى» باتۇر ھەم جەڭگە ماھىر ئىدى. 1644-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھ ئارمىيىسى مارستون يايلىقىدا ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زور ھەل قىلغۇچ جېڭىنى ئېلىپ باردى. چەۋەندازلار ئەتىرتى كېنەز روبېرتنىڭ قۇماندانلىقىدىكى پادىشاھ ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى پۈتكۈل جەڭنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. 1645- يىلى پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى كرومۋېل باشچىلىقىدىكى مۇستەقىللىق تەرەپتارلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. كرومۋېل دەرھال پارلامېنت ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئۆز يېرىنى تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە قول سانائەتچىلەر ئاساس قىلىنغان يېڭى نەمۇنىچى قوشۇن بەرپا قىلدى، بۇ قوشۇننىڭ ھەبىي ئىنتىزامى قاتتىق، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ئىدى. 1645-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كرومۋېلنىڭ قۇماندانلىقىدىكى يېڭى نەمۇنىچى قوشۇن ناسبىدا ئۈچ سائەتلىك شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن ئاساس سالدى. پارلامېنت ئارمىيىسىى شۇنىڭدىن كېيىن غەلبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، پادىشاھ ئارمىيىسى كونتىروللىقىدىكى نۇرغۇن قورغان ۋە قەلئەلەرنى ئالدى. 1646-يىلى 6-ئايدا يەنە پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانلىق شىتابى جايلاشقان ئوكسفورت شەھىرىنى ئېلىپ، بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. چارلىز Ⅰ مۇ پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ مەھبۇسى بولۇپ قالدى.

بۇ چاغدا ئىنقىلاب لاگېرىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پارلامېنت ھوقۇقدارلىرى ئىچىدىكى پېرېسۋىتېرىئاللىق تەرەپتارلىرى ئىنقىلابنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، پادىشاھ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. مۇستەقىللىق تەرەپتارلىرى بولسا ئىنقىلابنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئارمىيە ئىچىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. چارلىز Ⅰ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاماقخانىدىن قېچىپ چىقتى، ئەمما ئۇۋېيت ئارىلىغا بارغاندا تۇتۇپ قېلىندى. 1648-يىلى 2-ئايدا پدىشاھ پاتىيىسى قەھەتچىلىك ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى جايلاردا توپىلاڭ پەيدا قىلدى. 7-ئايدا شوتلاندىيە ئارمىيىسى ئەنەىلىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىپ، چارلىز Ⅰ نى قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى. كرومۋېل زور دۈشمەن قوشۇنى ئالدىدا ئارمىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پادىشاھ پارتىيىسىنىڭ توپىلىڭىنى ھەمكارلىشىپ بېسىقتۇردى، 8-ئايدا پلاستون جېڭىدە كرومۋېل شوتلاندىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى. 9-ئايدا شوتلاندىيەنىڭ پايتەختى ئادىنبورگنى ئىشغال قىلدى. پارلامېنت ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتىمۇ يەنە بىر قېتىم غەلىبە قازاندى.

1948-يىلى 9-ئايدا شوتلاندىيەنىڭ پايتەختى ئادىنبورگنى ئىشغال قىلدى. پارلامېنت ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتىمۇ يەنە بىر قېتىم غەلىبە قازاندى. 1649-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا «خائىن ۋە زالىم» چارلىز Ⅰ نىڭ كالىسى ئېلىندى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى پارلامېنت پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەنگلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ راۋاجلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈلگەنلىكىدىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر خىل يېڭى ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#