سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى بولسا ئەركىن ھاۋا (ۋاكۇئۇم بوشلۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا تارقالغان رادىئو چاستوتا بۆلىكىنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى كۆرسىتىدۇ. سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنلىرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولسا، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە يوللانغان ئۇچۇر شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 无线电波

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى بىر خىل ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى، TEMدولقۇن ( توغرا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ) شەكلىدە تارقىلىدۇ. كۆلچەك دولقۇنىغا ئوخشاش تارقىلىش جەريانىدا ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئېنېرگىيە پەيدىنپەي ئاجىزلىشىپ بارىدۇ. 

ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى كۆپ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.چاستوتا بويىچە، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە تەرتىپى بويىچە : سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى، ئىنفىرا قىزىل نۇر، كۆرۈنمە نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، X نۇرى ۋە γ نۇرى.

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنىئوخشاش بولمىغان دولقۇن بۆلىكى ئىچىدە سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى ئوخشاش بولمىغان تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 

چاستوتا قانچە تۆۋەن بولسا، تارقىتىش خورىشى شۇنچە كىچىك، قاپلاش ئارىلىقى شۇنچە يىراق، دىفراكسىيە ئىقتىدارىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن تۆۋەن چاستوتا بۆلىكى چاستوتا بايلىقى قىس، سىستېما سىغىمى چەكلىك، شۇڭا تۆۋەن چاستوتا بۆلىكى بولغان رادىئو دولقۇنى ئاساسەن رادىئو، تېلېۋىزىيە، ئىزدەپ چاقىرىش سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

يۇقىرى چاستوتىلىق بۆلەك چاستوتا بايلىقى مول، سىستېمىنىڭ سىغىمى چوڭ. لېكىن چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تارقىلىش سەرپىياتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، قاپلاش ئارىلىقى شۇنچە يېقىن، دىفراكسىيە ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، سىستېما تەننەرخى مۇناسىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 

ئاجىزلىشىش ئالاھىدىلىكى 

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنىرادىئو دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا ئاجىزلىشىدۇ، ئۇ رادىئو دولقۇنىنىڭ ناھايىتى مۇھىم خۇسۇسىيىتى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئۈچ خىل ئۆلچەم ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. 

چوڭ شىكالا ئوتتۇرا قىممەت سىگنالى (رايون ئوتتۇرىچە قىممەت) نى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

ئوتتۇرا شىكالا ئاجىزلىشىشنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. 

كىچىك شىكالا تېز ئاجىزلىشىشنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

دوپلېر چاستوتا سىلجىشى

دوپلىر ئېففېكتىغا ئاساسلانغاندا، سىمسىز رادىئو دولقۇنى تارقىتىش ئۇچى ۋە قۇبۇللاش ئۇچى ئوتتۇرىسىدىكى نىسپىي ھەرىكەت سەۋەبىدىن قۇبۇللاش ئۇچىدىكى قوبۇل قىلغان سىگنال چاستوتىسى بىلەن تارقىتىش ئۇچى چىقارغان سىگنال چاستوتىسى ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق قىممىتى بۇلىدۇ ، بۇ پەرق قىممىتى دەل دوپلېر چاستوتا سىلجىشدۇر.

ماكسۋېل ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن ئۇ تاپشۇرغان ماقالە « ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى نەزەرىيەسى » دە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى نەزەرىيە ئاساسىنى شەرھىلەپ بەرگەن. ئۇ بۇ خىزمەتلەرنى 1861- يىلىدىن 1865- يىلىغىچە ئورۇندىغان. 

ھاينرىخ . لۇداف ۋېرشاف ھېرتىس 1886-يىلىدىن 1888-يىلىغىچە ماكسۋېلنىڭ نەزەرىيەلىرىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.

1906-يىلى روژدېستۋو ھارپىسىدا فەن شىندا ئامېرىكا ماسساچۇسېتستا تارىختا تۇنجى قېتىم سىمسىز رادىئو ئۇسۇلىنى قوللانغان. فەن شىندا رادىئودا ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىدا چالغان «تىنچلىق كېچىسى» ۋە « ئىنجىل» دىن ئورۇنلىغان ئارىيەنى تارقاتقان. 

سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنىرادىئو ئەڭ بۇرۇن دېڭىز قاتنىشىدا ئىشلىتىلگەن، تېلېگرامما كېمە بىلەن قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلگەن. ھازىر  سىمسىز تېلېگراف كۆپ خىل شەكىل قوللىنىلىدۇ، سىمسىز سانلىق مەلۇمات تورى، ھەر خىل كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز رادىئو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم سىمسىز تېلېگراف تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى: 

دېڭىز سەپىرى 

سۆزلىشىش 

كۆرۈنمە چاستوتا 

جىددىي مۇلازىمەت 

سانلىق مەلۇمات يوللاش 

يول باشلاش[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#