فرانكلىن

ئامېرىكا تارىخىدىكى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە تۇنجى ئالىم ۋە كەشپىياتچى فرانكلىن (1706 -1790) كىچىكىدە مەكتەپتە ئىككى يىللا ئوقۇغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى − پۈتۈنلەي قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فرانكلىن
باشقا نامى 班哲明·富兰克林
تۇغۇلغان ۋاقتى 1706-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى ئالىم، سىياسىئون، دىپلومات، ئەدىب
خەنزۇچە ئىسمى 本杰明·富兰克林
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1790-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
چەتئەلچە نامى Benjamin Franklin

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا تارىخىدىكى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە تۇنجى ئالىم ۋە كەشپىياتچى فرانكلىن (1706-1790) كىچىكىدە مەكتەپتە ئىككى يىللا ئوقۇغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى − پۈتۈنلەي قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

فرانكلىن ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئېلېكتر ئىلمى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەشھۇر ئالىمغا ئايلانغان. بىر قېتىم ئۇ ئېلېكتر ئىلمى تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقاندا، ئايالى ئېھتىياتسىزلىقتىن، زەرەتلەنگەن مېتال تاياقچىغا تېگىپ كېتىپ، «ۋاژ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇچقۇن چاچراپ ئايالىنى توك سوقۇۋېتىدۇ. بۇ تاسادىپىي ئىشتىن فرانكلىن تەبىئىي چاقماق سۈنئىي پەيدا بولغان ئېلېكتر بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ، بۇ قىياسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يامغۇر يېغىپ چاقماق چاققاندا لەگلەك ئۇچۇرۇشنى پىلانلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئېلېكتر ھۆل بولغان لەگلەك يىپى بىلەن ئۆتۈپ كېلەلەيتتى. بۇ گەرچە ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. 

1752-يىلى7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانكلىن لەگلەك ۋە زەرەت قاچىلىغۇچنى ئېلىپ دالىغا بېرىپ، لەگلەك ئۇچۇرىدۇ، يامغۇر شارقىراپ يېغىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندا فرانكلىن بىر مىس ئاچقۇچنى لەگلەك يىپىغا چىگىپ قويىدۇ. توساتتىن چاقماق چېقىپ لەگلەك يىپىنىڭ بوش تالالىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كۈچ تىرەپ تۇرغاندەك تىك بولۇپ كېتىدۇ. فرانكلىن قولىنىڭ ئۇيۇشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ قولىنى مىس ئاچقۇچنىڭ يېنىغا ئاپارغان ھامان، ئاچقۇچتىن ئۇچقۇن ئېتىلىپ چىقىدۇ. فرانكلىن «مېنى توك سوقتى! چاقماقنىڭ ئۆزى توك ئىكەن!» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ تەلىيىگە بۇ قېتىم چۈشكەن چاقماق ئاجىزراق بولغاچقا، فرانكلىن يارىلانمايدۇ. نەتىجىدە، فرانكلىن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي چاقماقنىڭ سىرىنى ئېچىپ، كۆكتىكى چاقماق بىلەن يەردىكى زەرەت ئۇچقۇنى ياكى سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان زەرەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ قېتىمقى مەشھۇر «لەگلەك تەجرىبىسى» ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.

فرانكلىن ئاجايىپ تەجرىبە ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىپ، ئېلېكتر ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، مۇسبەت زەرەت، مەنپي زەرەت، ئۆتكۈزگۈچ، باتارېيە، زەرەتلەش. . . دېگەندەك نۇرغۇن مەخسۇس ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلىدۇ، بۇلار دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان لېكسىكا تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىدىكى مەنپىي، مۇسبەت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، زەرەتنىڭ خاراكتېرىنى تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ھالدا مۇسبەت زەرەت، مەنپىي زەرەت ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەيدۇ ۋە زەرەت پەيدا بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كېيىنكىلەر مۇشۇ ئاساستا زەرەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى بايقايدۇ. ئۇ چاقماق قايتۇرغۇچ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قويغان، مۇشۇ ئاساستا چاقماق قايتۇرغۇچنى ياساپ، چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىپ، خۇراپاتلىقنى تۈگەتكەن.

فرانكلىن يەنە مۇنەۋۋەر سىياسىئون، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى پېشقەدەم جەڭچى. ئۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاشقا قاتناشقان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/53928.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#