پلېخانوۋ

پلېخانوۋ

پلېخانوۋ (1856-1918-يىللار) دەسلەپتە نارودنىكلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ماركسىزم تېخى رۇسىيەگە تارقالمىغان بولۇپ، نارودنىكلار چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى بىر قىسىم زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى دەپ تەمەننا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا تايانماي، دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق قىلساق، دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پلېخانوۋ
باشقا نامى Георгий Валентинович Плеханов
تۇغۇلغان ۋاقتى 1856-يىلى
كەسپى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ باش كومىتېتىنىڭ رەئىسى
خەنزۇچە ئىسمى 普列汉诺夫
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1918-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پلېخانوۋ1917-يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ توپ ئوقلىرى ياڭراۋاتقاندا، قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پېتروگراد شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدىن بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدى، بوۋاي ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا تىترەك ئاۋازى بىلەن: «مەن رۇسىيەنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن40 يىل كۈرەش قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئاغرىقچان، ئاجىز بوۋاي رۇسىيە تارىخىدىكى داڭلىق ماركسىزم تەشۋىقاتچىسى ۋە نەزەرىيەچىسى پلېخانوۋ ئىدى. 

پلېخانوۋ (1856 −1918-يىللار) دەسلەپتە نارودنىكلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ماركسىزم تېخى رۇسىيەگە تارقالمىغان بولۇپ، نارودنىكلار چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى بىر قىسىم زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى دەپ تەمەننا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا تايانماي، دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق قىلساق، دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىن، ئۇلار يەنە تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ يوشۇرۇن قاتىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. پلېخانوۋ قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئەسلىدىكى پروگراممىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولغان. تەشۋىقات پائالىيىتى داۋامىدا، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 

پلېخانوۋچەت ئەلدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگەرگەن. ماركسىزم نەزەرىيىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، مەغلۇبىيەت تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئاخىر نارودنىكلارنىڭ خاتا ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزمچىغا ۋە ماركسىزم تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. ئۇ رۇسىيەدىكى تۇنجى ماركسىزم تەشكىلاتى − ئەمگەك ئازادلىقى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ماركس، ئېنگېلس نىڭ «كومپارتىيە خىتابنامىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى شەرھلەنگەن بىرمۇنچە ماقالە ۋە كىتابلارنى تۈزۈپ، چەت ئەلدە باستۇرغاندىن كېيىن، روسىيىگە مەخپىي ئەكىرىپ تارقاتقان. ئۇ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى شانلىق سەھىپە ھېسابلىنىدۇ. 

لېكىن، ئۇ دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالماي، بارا-بارا سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. پرولېتارىياتنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، لېنىننىڭ توغرا لۇشيەنىگە جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشتەك سەۋەنلىكىدىن ساۋاق ئالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#