ئېبنۇر كۆلى
ئېبنۇر كۆلى جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆلى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى جىڭ ۋە شىخۇ دىن ئالاتاۋ ئېغىزىغا قوشنا، شىمالغا قاراپ 53 كىلومېتىر، يەنى ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە بولغان ئارلىق، شەرقىي گەنجياخۇ كۆلى، سۆكسۆك ئورمىنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى. ئېبنۇر كۆلى جۇڭغار ئويمانلىقى دىكى ئەڭ چوڭ كۆل، شۇنداقلا شىنجاڭ دىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. بورتالا دەرياسى، جىڭ دەرياسى، كۇيتۇن دەرياسى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا غەرب، جەنۇب، شەرق ئۈچ يۆنىلىشتە قۇيۇلىدۇ، ئىبنۇر كۆلى ئاساسلىق مەنبەسى. كۆل يۈزى ئېللىپىسسىمان بولۇپ، كۆلىمى 650 كۋادرات كىلومېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرىچە 2 - 3 مېتىر، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 189 مېتىر كېلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆل يۈزىنىڭ كۆلىمى 1200 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىر كۆل يۈزى ئاللىبۇرۇن كىچىكلەپ 500 كۋادىرات كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، كۆل ئەتراپى چۆللىشىش دەرىجىسى كۈچىيىپ كەتكەن، جۇڭگو نىڭ غەربىدىكى قۇم ئاساسلىق مەنبەنىڭ بىرى بولۇپ بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ، تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
ئېبنۇر كۆلى بىر بايلىق زاپىسى مول بولغان كۆل. كۆل رايونى ئىچىدە، مول بولغان تۇز تازىلانغان شور، ماگنىي سۇلفات، بور، بروم، يود قاتارلىق مېتاللوئىد كان بايلىقلىرى بار. ناترىينىڭ تۇز زاپىسى 125 مىليون توننا، 12 مىليون توننىدىن ئارتۇق كالىيلىق تۇز، 9700 مىڭ توننا تازىلانغان شور، ماگنىي سۇلفات 100 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. بۇ يەر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ مۇھىم بولغان ئاش تۇزى، تازىلانغان شور چىقىدىغان جايى.
ياتاق
بورتالانىڭ ياتاق بىر قەدەر قولايلىق، ئەرزان كىچىك ئالىي دەرىجىلىك، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا ئازادە مېھمانخانىدىن تولۇق بولۇپ، تۈرلۈك ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بولىدۇ. مەسىلەن : بورتالا ئېبنۇر كۆلى مېھمانسارىيى، بورتالا مېھمانسارىيى، بورتالا شەھەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمانسارىيى، بورتالا يالقۇنتاغ ساياھەت مېھمانخانىسى، نېفىت-خېمىيە مېھمانخانىسى قاتارلىقلار.
كۆل رايونىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃7.8، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃16.0-، مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇرا ℃36.4-؛ 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.3؛ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىل 190d، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2722.6 سائەت؛ ھۆل-يېغىن مىقدارى 90.9mm، ئەڭ زور يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى، ئەڭ كىچىك يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 28.5mm؛ پارغا ئايلىنىش مىقدارى 163.9 بولىدۇ. كۆلنىڭ غەربىي شىمال قىسمى داڭلىق بوران ئېغىزى ــ ئالاتاۋ ئېغىزى (جۇڭغار ئېغىزى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پۈتۈن بىر يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى 164d ،185d ئەڭ كۆپ، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى سېكونتىغا 55m/s بولىدۇ.
ئېبنۇر كۆلى ئىلگىرى خۇددى بىر مۇھاپىزەت كۈنلۈكى مەزكۇر رايون ھەتتا پۈتكۈل شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ 1-چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى، كۆل يۈزى پەقەت 530 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشى قۇم-بورانلىق ھاۋا رايىنىڭ پەيدا بولىشى، ئېبنۇر كۆلى بويىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيەسىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 112 كۈن بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، 60-يىللاردا 9 ھەسسە، ھەر كۋادراتقا توزان قونۇش ھەر يىلى 1 مىليون 289 مىڭ توننىغا يەتكەن.
ئېبنۇر كۆلى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت سەۋەبى. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىلىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە كەڭ كۆلەمدە سۇ-تۇپراق ئېچىش تۈپەيلىدىن، بۇنىڭ بىلەن ئىبنۇر كۆلى ۋادىسىدا ئاساسلىقى دەريا، كۈيتۈن دەرياسى، چىگشور دەرياسى، گۈرت دەرياسى سۈيىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىپ، جىڭ دەرياسى ، بورتالا دەريالاردىن كۆلگە قۇيۇلىدىغان مىقدارى ئازىيىپ كېتىش.
ئېبنۇر كۆلى، پەقەت جىڭ دەرياسى ۋە بورتالا دەرياسىغا تايىنىپلا ھەر يىلى يەر ئۈستى سۈيى 600 مىليون كۇب مېتىر تولۇقلىنىدۇ، كۆل يۈزى 500 كۋادرات كىلومېتىرنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بورتالا ئوبلاستىنىڭ سۇ بايلىقى پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارىنى 2 مىليارد كۇب مېتىر بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ۋە شەھەر سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى 1 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، ئېبنۇر كۆلىنىڭ تۇلۇقلىنىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا 700 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ماناس كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ۋە نەم يەر ئەھۋالىنى ھەر يىلى 800 مىليون كۇب مېتر سۇدىن يۇقىرى.
ئېبنۇر كۆلىئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەرنى قوغداش رايونى ئەتراپىدا 14 مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتى قۇرۇلغان، ئېبنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ، لېكىن ئىبنۇر كۆلىدىن يىراققا جايلاشقان، قاتنىشى قۇلايسىز، مۇھاپىزەت پونكىتىنىڭ خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى بىر قەدەر قىيىن.
گەرچە نۇرغۇن تىرىشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تۈپ مەسىلە يەنىلا سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10003/10003/10001/2006/756293.htm
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.