ئەگەر «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ» نى رەتكە تىزىشقا توغرا كەلسە، خۇ شى  (1891-1962-يىللار) بىرنەچچە تۈردە بىرىنچى بولغان بولاتتى. خۇ شى «4-ماي» ئەدەبىيات ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇشى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شاڭخەي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1962-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
باشقا نامى 胡嗣穈,胡洪骍,胡希疆
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1891-يىل
كەسپى ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، شائىر ، تارىخشۇناس ، يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇ شى (1891 - 1962-يىللار)  «4-ماي» ئەدەبىيات ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ 1917-يىلى 1-ئايدا «يېڭى ياشلار» دا ئېلان قىلغان «ئەدەبىيات ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇھاكىمە» دېگەن ماقالىسى ئەدەبىيات ئىنقىلابىنى قوزغاشنىڭ تۇنجى بەلگىسى بولغان. خۇ شى يەنە خەلق تىلى بىلەن يېڭى شېئىرلارنى ئىجاد قىلىشنى ئەڭ بۇرۇن سىناق قىلغان شائىر، ئۇ 1920-يىلى نەشر قىلدۇرغان شېئىرلار توپلىمى» سىناق توپلىمى «جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ئاممىباب شېئىرلار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ. 1918-يىلى خۇ شى «ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش» نى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ بۇرۇن چىققان خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان دراما ئەسىرى. خۇ شى مەيلى نەزەرىيە تەشەببۇسىدا بولسۇن ياكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە بولسۇن، ئەدەبىيات ئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇش ۋە يېڭى ئەدەبىياتنى يارىتىشتا يول ئاچقۇچىلىق رول ئوينىدى، ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.

خۇ شى «ئەدەبىيات ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇھاكىمە» دېگەن ئەسىرىدە ئەدەبىياتنى ئىسلاھ قىلىشتا سەككىز جەھەتتىن قول سېلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ماقالە يازغاندا تۇتاملىق گەپ قىلىش، قەدىمكىلەرنى دورىماسلىق، ئۇسلۇبنى تەكىتلەش، ئاغرىماي تۇرۇپ ۋايجانلىماسلىق، قېلىپلاشقان سۆزلەرنى كۆچۈرۈۋالماسلىق، قېلىپقا كىرىۋالماسلىق، تېما بىلەن مەزمۇننى قارىمۇقارشى قىلىپ قويماسلىق، ماقال-تەمسىل، قېلىپلاشمىغان خەتلەردىن قاچماسلىق كېرەك، دەپ قارىدى. خەلق تىلىنى كونا ئەدەبىي تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى، رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. «سىناق توپلىمى» دېگەن شېئىر توپلىمى بەدىئىيلىك جەھەتتە گەرچە تېخى نىسبەتەن گۆدەك بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى گەپلەردەك چۈشىنىشلىك، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن. دراما «ئۆمۈرلۈك ئىش» تا ھازىرقى زاماندىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلدى.

پراگماتىزم پەلسەپىسىنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، خۇ شى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلمىدى، نۇرغۇن كۆزقارىشى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىدى. كېيىن ئۇ ئاساسلىق پائالىيىتىنى سىياسىي تەرەپكە بۇرىدى، لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، باشقا يولغا مېڭىپ كەتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#