سىلىتسىيلاشقان ياغاچ-دىنوزاۋۇر دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى
سىلىتسىيلاشقان ياغاچ - دىنازاۋۇر دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 492 كۋادرات كىلومېتىر، جۈملىدىن سىلىتسىيلاشقان ياغاچ مەنزىرە رايونى، دىنازاۋۇر جىلغىسى مەنزىرە رايونى، شەيتانكەرىش يارداڭ مەنزىرە رايونى ۋە تاش ساھىل مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرا رايونلىرى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىلىتسىيلاشقان ياغاچ - دىنازاۋۇر دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. كۆلىمى 492 كۋادرات كىلومېتىر، جۈملىدىن سىلىتسىيلاشقان ياغاچ مەنزىرە رايونى، دىنازاۋۇر جىلغىسى مەنزىرە رايونى، شەيتانكەرىش يارداڭ مەنزىرە رايونى ۋە تاش ساھىل مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرا رايونلىرى بار.
گۇچۇڭ كىرىمنىيلاشقان دەرەخ توپى دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان كۆكتوقاي-چىڭگىل-جىمىسار-گۇچۇڭ-مورى ـ 8-دولقۇن-قۇمۇل-ئىۋىرغول قاتارلىقلارنىڭ سىلىتسىيلاشقان ياغاچ يىغىلىش رايونى مەركىزى، بۇ يەردە سىيلىتسىيلاشقان ياغاچ ئاساس مەركەزلىك تارقالغان، سانى ۋە كۆلىمى غايەت زور، ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلىنىشى بىلەن داڭلىق. پەقەت سىلىتسىيلاشقان ياغاچ باغچىسى مەنزىرە رايونى لەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11.65 كۋادرات كىلومېتىر، زېمىنى دائىرىسى ئىچىدە ئېچىلىپ ئازكەم 1000 تۈپ دەرەخ بار، دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك كىرىمنىيلاشقان دەرەخ توپى جايلىرىنىڭ بىرى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن گىياھتاش چىقىدۇ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 150 مىليون يىل بولغان يۇرا سىستېمىلىرىدىن ئىبارەت تاش توپا، قۇمتاش، گىل تاش، دەل-دەرەخلەرنىڭ بىرلەمچى تېكتونىت ئېنىق ساقلىنىپ قالغان، سىلىتسىيلاشقان ياغاچ دىئامېتىرى ئادەتتە0.5-1 مېتىر، ئەڭ چوڭ بولغاندا 2.8 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 5-20 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇنلىرى 26 مېتىرغا ياتەن. يېتىپ كېتىش، تىك ھالەتتىكى قىياپىتى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كۆمۈلۈپ ياتقان ھالىتى، قەدىمكى دەۋرلەردە ئويمانلىق، دەريا، كۆل ئەكس ئەتتۈرگەن مۇھىت ئاستىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىق مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.