ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا ۋە باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ئوكسفورد ئەنگىلىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدىغان، ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداپ يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ.

ئۇيغۇرچە نامى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1096-يىلى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ
توربېكىتى http://www.ox.ac.uk/
ئورنى ئەنگلىيە ئوكسفورد
خەنزۇچە نامى 牛津大学
داڭلىق مەكتەپداشلار شېللي، خوككىنگ، ۋىلدې، باكون، بىرتام، كىلىنتون قاتارلىقلار
مەكتەپ مۇدىرى ئەندىرۇ . خامىلتون
چەتئەلچى نامى University of Oxford

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىئوكسفوردئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتۇش خاتىرىسى 1096-يىلىدىن باشلانغان.

1167-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن، بۇ ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. 1214-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر پوپنىڭ پادىشاھ بىلەن كېلىشىشى نەتىجىسىدە مەكتەپ ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن. ئوكسفوردنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتلىق ئورنى 1571-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىئامېرىكا ۋە باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ئوكسفورد ئەنگىلىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدىغان، ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداپ يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت دىنىغا ئىشىنىشى كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە پەقەت 1871-يىلىغا كەلگەندىلا بىكار قىلىنغان.

1920-يىلىدىن ئىلگىرى ئوكسفورد قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي چوقۇم گىرىك تىلى ۋە قەدىمقى لاتىن تىلى ئۆگىنىش تەلەپ قىلغان. مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئوكىسفوردتىكى ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلارنىڭ يىللىقى 6000 دوللاردىن 40 مىڭ دوللارغىچە بولغان ئوقۇش پۇلى ئاساسەن دېگۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئېرى فىلىپ باش مەكتەپ مۇدىرى بولغان، تايمىس دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئوكسفورد شەھىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تېمى، دەرۋازىسى ياكى بىرەر ۋىۋىسكىسىمۇ يوق، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنىستۇتلىرى ئوكسفورد شەھىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە تارقاق جايلاشقان.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات سۈپىتىنى باھالاش جەريانىدا، نۇرغۇن فاكۇلتېتلار   بەش يۇلتۇز دەرىجىلىككە ئېرىشكەن، مەكتەپنىڭ دەرس مۇئەللىملىرى ئۆز ئىلىم ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇردىغان نوپۇزلۇق ئەربابلار. بۇ مەكتەپنىڭ پىسخولوگىيە، بىئولوگىيە ۋە قانۇن، قۇرۇلۇش ئىلمى، ئىجتىمائىي پەن، ئىقتىساد، تارىخ، خىمىيە، بىيوخىمىيە، ئەدەبىيات، فىرانسوز تىلى، گىرمان تىلى، دانىش تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىقلار.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىبۇ مەكتەپنىڭ فىدىراتسىيە شەكلىنى يولغا قويغان 39 ئىنىستىتۇتى، ھەر قايسى دىنى مەزھەلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 6 شەخسىي دىنى ئىنىستىتۇتى بولۇپ ھەربى ئىنىستىتۇتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقتىن بىر ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 500 دىن ئاشمايدۇ. ئوكسفوردنىڭ 12000 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ مەكتەپتە 7مىڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بار. 



ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن 4 ئەنگىلىيە پادىشاھ، 46 نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى، سابىق باش ۋەزىر ساچېر خانىم ۋە تونى بىلايېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىلىنتون ۋە پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ھۆكۈمەت باشلىقى، 3 پاپا، 86 ئېپىسكوپ ۋە مەشھۇر سىياسىئون لوك قاتارلىقلار.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىمەكتەپتىكى 6 مىليۇن پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ساقلانغان، پۈتۈنلەي تورلاشقان بودلىيان كۇتۇپخانىسى ئەنگىلىيە بويىچە بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا كىتاپ سانى ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ كۇتۇپخانا بولۇپ ھەر يىلى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا كىتاپ سېتىۋېلىپ تولۇقلاپ تۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئاشمولان مۇزېيى ئەنگىلىيە بويىچە تۇنجى شۇنداقلا بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مۇزىي.

ئوكسفوردنىڭ شۇنچە ئوقۇرى ئېگىز، مۇتەئەسسىپ بولۇپلا قالماي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن 4 ئەنگىلىيە پادىشاھ، 46 نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى، سابىق باش ۋەزىر ساچېر خانىم ۋە تونى بىلايېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىلىنتون ۋە پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ھۆكۈمەت باشلىقى، 3 پاپا، 86 ئېپىسكوپ ۋە مەشھۇر سىياسىئون لوك، بۈگۈنكى زامان فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر شەخسلەر بارلىققا كەلگەنلىكى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىمىيە ئىنىستىتۇتى DNA نى بايقاپ گېن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقتىن سىياسى فاكۇلتېتى ۋە بىئو-خىمىيە دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە نوپۇزلۇق كەسپ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#