پىرىتى زىنتا

پىرىتى زىنتا ھىندىستاندىكى سىملادا تۇغۇلغان. ھىندىستاندىكى داڭلىق ئايال ئاكتىيور، فىلىم ئىشلىگۈچى. «ۋېر بىلەن زارا»، « ئەتە بولسۇن بولمىسۇن» قاتارلىق فىلىملەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىپ يۇقىرى نام-ئابرويغا ئېرىشكەن. ھىندىستانلىقلار ئاۋاز بېرپ «ئەڭ ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدىغان ئايال» دەپ سايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پىرىتى زىنتا
باشقا نامى preity zinta
يۇرتى سىملا
يۇلتۇز تۈركۈمى لاگېنوفورا يۇلتۇز تۈركۈمى
ۋەكىللىك ئەسىرى ۋېر بىلەن زارا
خەنزۇچە ئىسمى 普丽缇·泽塔
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
كەسپى ئاكتىيور، فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىرىتى زىنتاپىرىتى زىنتانىڭ دادىسى ھەربىي بۇلۇپ ، ئۇ 13 ياشقا كىرگەن يىلى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئاپىسى ئاغرىپ قېلىپ كېسەل كارۋىتىدا يېتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان . 

تۇغۇلىشىدىنلا بىرخىل بوۋاق چىرايىغا ئىگە بولغان پىرىتى نىڭ ئىككى تال زىنىقى ئۇنى تېخىمۇ ئوماق كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپلا نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان،1999-يىلى بومباي ئالىي مەكتىپىدە جىنايەتچىلەرنىڭ پىسخىكا ئىلمىنى ئۆگىنىۋاتقان چېغىدا ، بىر ھىندىستان چولپىنى تەرىپىدىن كىنو ساھەسىگە تەكلىپ قىلىنغان. ھەمدە ناھايتى تېزلا ئۈچ كىنودا رول ئېلىش ئۈچۈن توختام تۈزگەن. بۇ ئۈچ فىلىم ئۇنىڭ كېيىنكى يوللىرىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. 

ھىزىر ئۇ داڭ چىقارغانبوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بىرى. تاتلىققىنە ئىككى تال زىنىقى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كىلتۈرىدىغان بۇلۇپ ، مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

پىرىتى زىنتا رول ئالغان فىلىملەر

ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئاقۇچ چېچەكلەيدۇ. مېۋىلەر ئىچىدە ئۈجمىگە ئوخشاش ئاڭ بالدۇر پىشىدۇ.

2009-يىلى «خان ئەر ئايال» فىلىمىدە سالمانخان ۋە كارىنا كاپور بىلەن ھەمكارلاشقان.

2008-يىلى «ئىنسانلار دۇنياسىدىكى جەننەت» (Heaven on Earth) فىلىمىدە رول ئالغان.

2008-يىلى«قەھرىمان» فىلىدە رول ئالغان.

2008-يىلىى «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» فىلىمىدىكى ئۇسۇل كۆرىنىشىگە چىققان.

2007-يىلى «نىكاھ قىسمىتىنى تەڭرى ئورۇنلاشتۇرغان» فىلىمىدە ئابىشېك باچچان بىلەن ھەمكارلاشقان.

2006-يىلى«مەڭگۈ خوش دېمەيمىز»(Kabhi Alvida Naa Kehna ) فىلىمىدە رانى، شارۇلخان ۋە ئابىشىك باچچان قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان.

2006-يىلى«ھىندىستانلىق ئەپەندى» فىلىمىدە ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشقان.

2005-يىلى«بەخىت تىلەش» فىلىمىدە رول ئالغان.

2004-يىلى « ۋېر بىلەن زارا» فىلىمىدە شارۇلخان ۋە رانى بىلەن ھەمكارلىشىپ غايەت زور ئۇتۇق قازانغان.

2004-يىلى« ئىككى كۈن» فىلىمىدە رول ئالغان.

2004-يىلى«مەقسەت» فىلىمىدە رول ئالغان.

2003-يىلى« ئەتە بولسۇن بولمىسۇن» فىلىمىدە شارۇلخان بىلەن ھەمكارلاشقان.

2002-يىلى«ھىندىستانخاسىيەتلىك ئادىمىنىڭ ئالدىنقى رىۋايىتى».

2001-يىلى«بۇكۆڭۈل نەگە سىغسۇن» فىلىمىدە رول ئالغان. ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشقان .

1998-يىلى« يۈرىكىمنىڭ قېتىدا» فىلىمىدە رول ئالغان.

ھازىر ئۇ داڭ چىقارغان بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بىرى. تاتلىققىنە ئىككى تال زىنىقى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كىلتۈرىدىغان بۇلۇپ ، مۇنەۋۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ھىندىستان كىنو ئوسكار مۇكاپاتى دېيىلدىغان FLIMFARE.دا كۆپ قېتىم نامى ئاتالغان .Zee Cine Awards،دا كۆپ قېتىم نامى ئاتالغان ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#